مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-يىغىنى ئېچىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى

2024.10.10 15:56 مەنبە: خەلق تورى

سىياسىي كېڭەش 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 9-يىغىنى 9-چېسىلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، ئاساسلىق قارالمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتىش»نى چۆرىدەپ كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى شۇلېي تەكلىپ بىلەن ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم دوكلات بەردى، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى نەق مەيداندا ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. يېڭى سەپەردە، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش شارائىتىدا ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات ـ سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەت بۇرچىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ ئېچىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز. شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىشنى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى چوڭقۇر كېڭىشىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.

ئېچىلىش يىغىنىدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ « جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى كۈچەپ داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش»، «خەلقئارا ۋە رايون پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش»، «چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇن مۇلازىمىتى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» ۋە «خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش»، «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسىنى تەتقىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى ياخشى ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇش» قاتارلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئىككى يېرىم كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىدۇ ھەم سىنلىق ئۇلانما شەكلىدە خېنەن ئۆلكىلىك، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشلەر بىلەن ئالاقىدار مەخسۇس تېمىلارنى چۆرىدەپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ كېڭىشىشنى قانات يايدۇرىدۇ.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپ ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات ۋە دوكلات بەردى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، جياڭ شىنجى، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ