10-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىنكى تۇنجى سودا كۈنىدە، Aپاي چېكى بازىرىنىڭ ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچى زور دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلىدى. دۇڭفاڭ سەيفۇ تورىنىڭ بازار ئەھۋالى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ بۆلىكىنىڭ دەسلەپكى باھاسى 1749.49 نۇقتا ئۆرلەپ، يۇقىرى نۇقتىدىن % 10.58 ئېچىلىپ، 18285.24 نۇقتا مەلۇم قىلىنغان.
سائەت 10 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، شىنجاڭ بۆلىكىدىكى 60 پاي چېكى پۈتۈن لىنىيە بويىچە جانلىنىپ، پۈتۈشۈش سوممىسى 15 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئۆسۈش نىسبىتى جەھەتتە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان پاي چېكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شىنيەن پاي چېكى (300159)نىڭ % 14.81، داچۈەن ئېنېرگىيەسى ( 688303)نىڭ %15.12، شىلىڭ ئۇچۇرى (300588)نىڭ % 13.60 بولغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى شاڭخەي ئاكسىيە ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى %10.13 ئۆرلىگەن، شېنجېن ئاكسىيە سودا بازىرىدىكى ئۈلۈش پاي كۆرسەتكۈچى % 12.67 ئۆرلىگەن، ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكى كۆرسەتكۈچى % 18.44 ئۆرلىگەن، 1000 دىن ئارتۇق پاي % 19تىن كۆپرەك ئۆرلىگەن. تىجارەت باشلانغاندىن كېيىنكى پەقەت 20 مىنۇتتىلا، شاڭخەي بىلەن شېنجېن ئىككى شەھەرنىڭ پۈتۈشۈش سوممىسى بىر تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، تارىختىكى ئەڭ تېز بولغان تىرىليون يۈەنلىك رېكورت يېڭىلانغان.