شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

​جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەبرىك خەت ئەۋەتتى

2024.10.08 14:08 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەبرىك خەت ئەۋەتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى خې لىفېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

1954 - يىلى 10 - ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى شۇ جايدا كوللېكتىپ كەسپىنى ئالماشتۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئالاھىدە بۇرچىنى ئادا قىلىشىنى قارار قىلدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇش، چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. 70 يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن «ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، شەخسىيەتسىز ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت بىڭتۇەن روھىنى تولۇق ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشكە ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە قوشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، خې لىفېڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، بىڭتۇەندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇزاقتىن بۇيان بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن ھەر ساھە زاتلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

خې لىفېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، بىڭتۇەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى يولىنى ئېچىپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىڭتۇەننىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش يېڭى ئەندىزىسىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىڭتۇەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ ئىلگىرىلەپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، تۈرلۈك ئىشلاردا ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەشلەرنى، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. نەچچە ئەۋلاد بىڭتۇەنلىكلەر غايەت زور قۇربان بەردى ۋە ئۆزىنى بېغىشلىدى ھەم نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى شەكىللەندۈردى.

خې لىفېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىڭتۇەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردە مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكى بەرپا قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇلازىمەت قىلىشى، كەسىپ پەن - تېخنىكا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئارقىلىق، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشى، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى، بىڭتۇەن قوشۇنىنىڭ يېڭى ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشى، بىڭتۇەننى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈللەنگەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردە بىڭتۈەندە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىغانلىقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىڭتۇەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي خې جۇڭيوۋ يىغىندا سۆز قىلدى.

يىغىندىن ئىلگىرى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيەدىكى مەسئۇل يولداشلار، بىڭتۇەنىدىكى يېڭى، پېشقەدەم مەسئۇل يولداشلار، پېشقەدەم جەڭچىلەر ھەم ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى، بىڭتۇەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ