شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تۈزگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يىلنامىسى» (يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلى) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە تارىخى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يىلنامىسى»(يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلى)دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، تاشقى مۇناسىۋەت، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇھىم پائالىيەتلىرى نۇقتىلىق بايان قىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كېلىش، تەرەققىي قىلىش، زورىيىش شانلىق مۇساپىسى تولۇق نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى بوشاشماي كۈرەش قىلىش تارىخى، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق تارىخى، نەزەرىيە ئۈستىدە ئىزدىنىش تارىخى، خەلققە بەخت يارىتىش تارىخى، ئۆز قۇرۇلۇشى تارىخى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلدى. پۈتۈن كىتاب 1921 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە يىلىغا بىر تومدىن جەمئىي 29 توم، 9 مىليون خەتتىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇ ھازىرغىچە مەزمۇنى ئەڭ مول، ھەجمى ئەڭ چوڭ بولغان يىلنامە تۈزۈش ئۇسلۇبىدىكى پارتىيە تارىخى ئاساسىي ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ.
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يىلنامىسى» (يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلى)نىڭ نەشر قىلىنىشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشى، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش - تەربىيەسى خىزمىتى نىزامى»نى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى نوپۇزلۇق دەرسلىك ۋە ئاساسىي ئوقۇشلۇق بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، بىزنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.