جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇزىكا كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى ھەم كۆردى

2024.09.30 13:22 مەنبە: خەلق تورى

9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇزىكا كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى 3000دىن ئارتۇق كۆرۈرمەن بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى تەسىرلىك مېلودىيە ئارقىلىق سەلتەنەتلىك تارىخىي داستان پۈتۈلدى، چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان كۈي ئارقىلىق ئۇلۇغ دەۋر مەدھىيەلەندى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇزىكا كېچىلىكى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى كەچتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى 3000دىن ئارتۇق كۆرۈرمەن بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇساپىنى بىرلىكتە ئەسلىدى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا بىرلىكتە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

خەلق سارىيىنىڭ 10 مىڭ كىشىلىك چوڭ زالىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ، شاد - خۇراملىققا تولغان كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇراتتى. سائەت 19دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار چوڭ زالغا كىرىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

نەق مەيداندا ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» ياڭراپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

«بۈگۈن سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز، مېنىڭ جۇڭگويىم...» چوڭقۇر ھېسسىيات ۋە ئىللىق مېلودىيەگە ئەگىشىپ، ئويۇن باشلاندى. ئويۇن مۇقەددىمە ۋە بەش بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى كامالەتكە يەتكەن مۇزىكا ئورۇنلاش، تەسىرلىك ناخشا ساداسى ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 75 يىللىق تارىخىي تومۇرنى مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ سەھىپە قۇرۇلمىسىغا يۇغۇرۇپ، كىلاسسىك مۇزىكا ئەسەرلىرىدىكى تارىخ ۋە دەۋر ئەسلىمىسىنى ئويغاتتى.

سىمفونىيەلىك مۇزىكا «بىرىنچى سىمفونىيە مۇقەددىمىسى»، ئومۇمىي خور «خۇاڭخې ئومۇمىي خورى» ھەيۋەتلىك بولۇپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادە بىلەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇشتىن ئىبارەت شانلىق مۇساپىسى تولۇق نامايان قىلىندى. «ۋەتەنگە مەدھىيە» جاراڭلىق ھەم قىزغىن بولدى، «مول ھوسۇل ناخشىسى» شاد - خۇراملىققا تولدى، بۇ ئىككى سىمفونىيەلىك مۇزىكا سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدىكى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەشتەك ئۇنتۇلغۇسىز يىللارنى ئەسلىتىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلاردا كۈچلۈك ئورتاق تونۇش قوزغىدى. سىمفونىيەلىك مۇزىكا «بېيجىڭدىن تارقالغان خۇش خەۋەر چېگرا كەنتىگە يېتىپ كەلدى»، مىللەتلەر چالغۇ ئەسۋابى بىلەن ئورۇنلانغان «رەڭدار سىمفونىيە»گە ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان رايوننىڭ ئۆزگىچە ئاھاڭى قوشۇلۇپ، گۈزەل مېلودىيە ئارقىلىق ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرى ۋە خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى كۈيلەندى. سىمفونىيەلىك خور «ئۈمىد ئېتىزى»، سىمفونىيەلىك مۇزىكا «ياشلار ۋالىسى»نىڭ مېلودىيەسى لەرزان، جانلىق، تېتىك بولۇپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىنتىلىشتەك روھىي قىياپىتى تەسۋىرلەندى.

75 يىل بوران - چاپقۇن ۋە جەبر - جاپالارنى باشتىن كەچۈردى، 75 يىل زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى. پۈتۈن مەيدان مۇزىكا كېچىلىكىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن بولۇپ، يۇقىرى دولقۇن كۆتۈرۈلدى. پىيانىنو ۋە ئوركېستىردا ئورۇنلىغان «يېڭى زېمىن» روھلۇق، جۇشقۇن بولدى، سىمفونىيەلىك مۇزىكا «تاغ - دەريالار سۈرەتتەك گۈزەل» ھەيۋەتلىك بولۇپ چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولدى، سىمفونىيەلىك خور «يېڭى مۇساپە» مەردانە بولۇپ جۇشقۇنلۇققا تولدى، ھەربىر دەۋر ناخشىلىرىدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 100 مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش روھى كەيپىياتى نامايان قىلىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. «جەۋلان قىلار بەش يۇلتۇزلۇق قىپقىزىل بايراق، غەلىبە ناخشىمىز شۇقەدەر ياڭراق!» مۇزىكا كېچىلىكى پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناخشىسىنى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتىشىغا ئەگىشىپ ئاياغلاشتى.

مۇزىكا كېچىلىكىگە يەنە، يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يوۋشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، لى چاڭچۇن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن يولداشلار قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» «دوستلۇق ئوردېنى» «1 - ئىيۇل ئوردېنى» «1 - ئاۋغۇست ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەر، مەملىكەتلىك نۇقتىلىق نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ھەم ۋەتەنگە قايتقان چياۋمىنلار، چياۋمىنلار ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئويۇننى كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ