لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى، سەي چى رىياسەتچىلىك قىلدى
9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن، مېدال بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى
9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن، مېدال بەردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇلۇغ دەۋر قەھرىمانلارنى چاقىرىدۇ، قەھرىمانلارنى يارىتىدۇ. قەھرىمانلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلسە، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرى گۈللىنىپ روناق تاپىدۇ، داۋاملىق گۈللەپ ياشنايدۇ. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت قەھرىمان نەمۇنىچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قەھرىمانلارنى ئۇلۇغلايدىغان، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىدىغان، قەھرىمانلاردىن بولۇشقا ئىنتىلىدىغان كەيپىياتنى يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تەقدىرلەنگەن يولداشلارنىڭ شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تېخىمۇ زور شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ ئوردېن، مېدال بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، سەي چى رىياسەتچىلىك قىلدى.
سائەت 9 ئەتراپىدا، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر كوللېكتىپ ھالدا مېھمان كۈتۈش ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ تۇرۇشلۇق ئورنىدىن يولغا چىقىپ، ھۆرمەت موتوسىكلىت ئەترىتىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى بىلەن خەلق سارىيىغا يۈرۈپ كەتتى. خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدا، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ بولۇپ تۇردى، ياش - ئۆسمۈرلەر قىزغىن تەنتەنە قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر قىزىل پاياندازنى بويلاپ پەلەمپەيدىن چىقىپ، خەلق سارىيىغا كىردى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمەت كومىتېتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار قاتارلىقلار بۇ جايدا ئۇلارنى كوللېكتىپ كۈتۈۋالدى.
خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا كەيپىيات داغدۇغىلىق، قىزغىن ئىدى. غايەت زور قىزىل رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسىدا جۇمھۇرىيەت ئوردېنى، دوستلۇق ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى مېدالىنىڭ سۈرىتى كۆزنى چاقنىتىپ تۇراتتى. ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسى ئالدىدا، 18 ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغان بولۇپ، 18 قامەتلىك ھۆرمەت قاراۋۇلى مىلتىق تۇتۇپ تىك تۇراتتى.
سائەت 9دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن بىللە يىغىن مەيدانىغا كىردى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.
دەل سائەت 10دا، ھەربىي ئوركېستىرنىڭ كانايچىسى مۇراسىم بۇرغىسىنى چالدى، ئوردېن، مېدال بېرىش مۇراسىمى باشلاندى. «پىدائىيلار مارشى» ياڭرىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.
سەي چى شى جىنپىڭ ئىمزالىغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس بۇيرۇقىنى ئوقۇدى. رەئىس بۇيرۇقىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش، يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرنى داغدۇغىلىق تەقدىرلەش، مىللەت روھى ۋە دەۋر روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11 - يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ۋاڭ يۇڭجى قاتارلىق تۆت كىشىگە «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» بېرىلدى، دىلما روسسېفقا «دوستلۇق ئوردېنى» بېرىلدى، ۋاڭ شياۋمو قاتارلىق ئون كىشىگە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى.
ئىككى نەپەر بايراقچى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۈچ نەپەر ھۆرمەت قاراۋۇلى جۇمھۇرىيەت ئوردېنى، دوستلۇق ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى مېدالىنى كۆتۈرۈپ، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، مۇراسىم نەق مەيدانىغا كىردى.
ھەيۋەتلىك «ۋەتەن قەھرىمانلىرىغا ئېھتىرام» ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن، مېدال بەردى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۇلارنى تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى. پىيونېرلار تۆھپىكار نەمۇنىچى شەخسلەرگە چىرايلىق گۈللەرنى تەقدىم قىلىپ، سالام بېرىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
پۈتۈن مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن قەھرىمان نەمۇنىچىلار، «دوستلۇق ئوردېنى»غا ئېرىشكەن خەلقئارادىكى دوستلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتتى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىردى. بۇ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تەرەققىيات مۇساپىسىدە، ھەرقايسى سەپلەردە تۈركۈم - تۈركۈم قەھرىمان نەمۇنىچىلار بارلىققا كەلدى. بۈگۈن تەقدىرلەنگەن يولداشلار ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر. ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى ۋە گەۋدىلىك تۆھپىسى جۇمھۇرىيەت تارىخىغا مەڭگۈلۈك پۈتۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ سادىق، قەتئىي، ئاددىي - ساددا بولۇشتەك ئېسىل پەزىلىتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىشى كېرەك. دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىرادىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، دۆلەتنىڭ بېيىپ قۇدرەت تېپىشىنى ئويلاپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلەپ، سادىقلىق بىلەن ۋەتەننى سۆيۈپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا قەتئىي ئىرادە باغلاپ، ئۆزىنى دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش داۋامىدا ئۆز قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، كىشىلىك ھايات سالاپىتىنى نامايان قىلىشى كېرەك. دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قابىلىيىتىنى تاۋلاپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىگە ماسلىشىپ، يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، يېڭى ماھارەتلەرنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا شۇ كەسىپنى سۆيۈپ، قايسى كەسىپنى تەتقىق قىلسا شۇ كەسىپكە بېرىلىپ، تىرىشىپ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا ماھىر ئىش ئورنى ماھىرلىرىدىن، كەسىپ ئەھلىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. باتۇرلۇق بىلەن قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش تۆھپىكارلىرىدىن بولۇپ، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان تارىخىي تەشەببۇسكارلىق، باش قەھرىمانلىق مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئالغا ئىنتىلىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىپ، مۇكەممەللىككە ئىنتىلىپ، ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىسلاھاتتا قىيىن ئۆتكەللەرگە ھۇجۇم قىلىش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئۈزلۈكسىز نەتىجە يارىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 75 يىلدىن بۇيان، دۇنيادا جۇڭگو خەلقى بىلەن مەقسەت - نىشانى بىردەك بولغان، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولغان نۇرغۇن كونا دوستلار، ياخشى دوستلار بارلىققا كەلدى، بۈگۈن «دوستلۇق ئوردېنى» بېرىلگەن دىلما روسسېف خانىم دەل بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىل. جۇڭگو خەلقى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئاشۇ خەلقئارادىكى دوستلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. جۇڭگو خەلقى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى گۈزەل مەنزىرىنى ئورتاق سىزىپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، يېڭى تارىخنى ئورتاق يارىتىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل، رەڭدار يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.
ئوردېن، مېدال بېرىش مۇراسىمىدا، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى خۇاڭ زۇڭدې، «دوستلۇق ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى دىلما روسسېف دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.
ئوردېن، مېدال بېرىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم مۇئاۋىن رەئىسلىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ئوردېن، مېدال بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپىگە ئېرىشكۈچىلەر ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۇلار تۇرۇشلۇق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئىلگىرى تۆھپە كۆرسىتىپ، شەرەپ كەلتۈرۈپ تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەر ساھە كادىرلار ۋە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بولۇپ تەخمىنەن 1000 كىشى ئوردېن، مېدال بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.