شىنجاڭ باھار بايرىمىدىن بۇرۇن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا قىشلىق، ئەتىيازلىق تۇرمۇش قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش تولۇقلىمىسىنى بىر قېتىمدىلا تارقىتىدۇ

2024.09.29 14:02 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش كومىتېتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز باھار بايرىمىدىن بۇرۇن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا قىشلىق، ئەتىيازلىق تۇرمۇش قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش تولۇقلىمىسىنى بىر قېتىمدىلا تارقىتىدىكەن.

ئومۇمەن، بۇ يىل كەلكۈن، مۆلدۈر، بوران، يەر تەۋرەش قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچراپ، ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈش، بۇزۇلۇش، زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇلى كېمىيىش- ھوسۇل ئالالماسلىق، ئۆي قۇشلىرى، ئۆي چارۋىلىرى ئۆلۈپ كېتىش، ئائىلە مال-مۈلكى زىيانغا ئۇچراش قاتارلىقلار كېلىپ چىققان، ئائىلىسىدە ئاساسىي تۇرمۇش قىيىنچىلىقى بار ئامما كەنت (مەھەللە) خىزمەتچىلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ ئىگىلىسە بولىدۇ، بېكىتىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئائىلە مەلۇم قىلىش، كەنت باھالاش، يېزا تەكشۈرۈش، ناھىيە بېكىتىش قاتارلىق تەرتىپلەر ئادا قىلىنغاندىن كېيىن ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بىر قېتىمدىلا بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ.

ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى: بۈگۈندىن باشلاپ 10-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ