جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەرگە ئايرىم - ئايرىم «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» «دوستلۇق ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرىپى نامى مېدالى بېرىدۇ ھەم مۇھىم سۆز قىلىدۇ.
مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، شىنخۇا تورى تارقىتىش - بېرىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ، خەلق تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى، جۇڭگو تورى قاتارلىق مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالى قاتارلىق يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى ماس قەدەمدە ئۇلاپ تارقىتىدۇ.