شى جىنپىڭ جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى

مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئاخبارات تارقىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك

2024.09.27 15:33 مەنبە: خەلق تورى

جاۋاب خەت

جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار:

ياخشىمۇ سىلەر! خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچى خادىملار، كەڭ مەكتەپداشلارنى تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلارغا سالام يوللايمەن!

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، سىلەرنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش ـ پەن تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئاخبارات تارقىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2024 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچى خادىملار، كەڭ مەكتەپداشلارنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، سىلەرنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش ـ پەن تەتقىقات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ئاخبارات تارقىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسىنىڭ ئاساسى 1954 ـ يىلى قۇرۇلغان مەركىزىي رادىيو ئىشلىرى ئىدارىسى تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى بولۇپ، 2004 ـ يىلى بېيجىڭ رادىيو شۆيۈەنىنىڭ نامى جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسىگە ئۆزگەرتىلگەن. يېقىندا، جۇڭگو تاراتقۇ داشۆسىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، مەكتەپ قۇرۇلغان 70 يىل، بولۇپمۇ پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى مەكتەپ باشقۇرۇش نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلىپ، پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ