جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچت

ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتى تەھلىل قىلىندى، مۇھاكىمە قىلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2024.09.27 15:32 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، مۇھاكىمە قىلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، سالماق تاقابىل تۇرۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇردى، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتتى، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇردى، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش پۇختا، كۈچلۈك بولدى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ھەم بازار كەڭ، ئىقتىسادنىڭ ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى زور بولۇش قاتارلىق پايدىلىق شارائىتلار ئۆزگەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە بەزى يېڭى ئەھۋال ۋە مەسىلىلەر كۆرۈلدى. ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ، سالماقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، قىيىنچىلىقلارغا توغرا قاراپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ساقلانما مىقدار سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، سىياسەت ـ تەدبىرلەرنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈملۈكلۈكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مالىيە، پۇل سىياسىتىنى تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، زۆرۈر مالىيە چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچ كاپالەت» خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق مەزگىللىك ئالاھىدە زايوم ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومىنى تارقىتىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، سالمىقى بولغان ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئۆي ـ زېمىن بازىرىنىڭ تۆۋەنلەشتىن توختاپ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاۋار ئۆي قۇرۇلۇشىغا قارىتا ئېشىش مىقدارىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، ساقلانما مىقدارنى ئەلالاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، «ئاق تىزىملىك» تۈرىگە قەرز بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ساقلانما بىكار تۇرغان يەرلەرنى جانلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىش كېرەك. ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىپ، ئۆي سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسىتىنى تەڭشەپ، ساقلانما مىقداردىكى ئۆي قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، يەر، مالىيە ـ باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق سىياسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆي ـ زېمىن كەسپىدە تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تىرىشىپ كاپىتال بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغنى بازارغا كىرىشكە زور كۈچ بىلەن يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، سۇغۇرتا، مالىيە باشقۇرۇش قاتارلىق مەبلەغلەرنىڭ بازارغا كىرىشىدىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ قوشۇۋېلىپ قايتا تەشكىللىشىگە مەدەت بېرىپ، ئاشكارا فوند ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى قوغدايدىغان سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كارخانىلارنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. پۇقراۋى ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى چىقىرىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىكلەر توپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىچە ئىستېمال كەسىپ ھالىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قوللاش ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇش، تۇغۇتقا مەدەت بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەبلەغ جەلپ قىلىش، مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىپ ۋە يولغا قويۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، مۇستەھكەملەپ، شۇ يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالە، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىدىكىلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، يېشى چوڭىيىپ قالغانلار، مېيىپلەر، بىرقەدەر ئۇزاق ۋاقىت ئىشسىز قالغانلار قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان كىشىلەر توپىغا يار ـ يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىگە قارىتا قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش، يار ـ يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. يېمەكلىك ۋە سۇ، توك، تەبىئىي گاز، پار قاتارلىق مۇھىم ماددىي ئەشيا تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۈزلۈك، قىشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشلەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش داۋامىدا قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشى، نەتىجە يارىتىشى كېرەك. ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىش بەلگىسىنى ياخشى تۇرغۇزۇپ، «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغۇچىلارغا مەسئۇل بولۇش، ئىش قىلغۇچىلارغا يار ـ يۆلەك بولۇش كېرەك. ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەرنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشىغا مەدەت بېرىپ، يېتەكلەش ۋە تۈۋرۈكلۈك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ