كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ھۇجۇم قىلىدۇ، بوران، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش، قار- يامغۇر، چاڭ - توزاندىن بىرسىمۇ كەم قالمايدۇ

2024.09.26 16:31 مەنبە: خەلق تورى

مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ، بىر كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭدىن باشلىنىپ، غەربتىن شەرققە قاراپ دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شىمالدىكى رايونلاردا تېمپېراتۇرىنىڭ ئەڭ چوڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى 10~12 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىكەن، قىسمەن جايلاردا 14 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولىدىكەن ھەمدە تۆت بالدىن ئالتە بالغىچە قىيپاش شىمال شامىلى چىقىدىكەن، يەتتە بالدىن توققۇز بالغىچە ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىكەن. شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسمى، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخې دەرياسى-خۇەيخې دەرياسى، چاڭجياڭ دەرياسى-خۇەيخې دەرياسى ۋە غەربىي جەنۇب رايونى قاتارلىق جايلاردا يەنە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، غەربىي شىمال رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، شىمالىي جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە سىچۈەن ئويمانلىقى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭ رايونى، غەربىي شىمال رايونى ۋە غەربىي سىچۈەن ئېگىزلىكى قاتارلىق دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلاردا يەنە يامغۇردىن قارغا ئۆزگىرىش ياكى يامغۇر ئارىلاش قار يېغىش ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. شىنجاڭنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىي قىسمى، گەنسۇ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمى، نىڭشيا، شەنشىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا قۇم ياكى چاڭ ـ توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قۇم ـ بوران چىقىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ