شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرى مەركەز مالىيەسىنىڭ مۇكاپات-تولۇقلىمىسىغا ئېرىشتى! تىزىملىك ئېلان قىلىندى

2024.09.26 16:30 مەنبە: خەلق تورى

9 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، مالىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 2024 ـ يىللىق مەركەز مالىيەسىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنى قوللاش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ بېيجىڭ شەھىرى مېنتوۋگوۋ رايونى قاتارلىق 89 ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئىبارەت ئالتە جاي تاللاندى.

تىزىملىكتە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭ (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن تاللانغانلار قەشقەر ۋىلايىتى، كورلا شەھىرى، قاراماي شەھىرىنىڭ مايتاغ رايونى، ئارال شەھىرى، كۆكدالا شەھىرى، ۋۇجياچۈ شەھىرى ئىكەن.

ئالاقىدار سىياسەتلەرگە ئاساسەن، مەركەز مالىيەسى نەتىجە بىلەن باغلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرىنى دەرىجىگە ئايرىپ مۇكاپات-ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىپ، جايلارنى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ئىلھاملاندۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە:

شەرقىي قىسىم رايونلاردا ھەربىر ئۆلكىگە ھەر يىلى 1-دەرىجىگە 60 مىليون يۈەن، 2-دەرىجىلىككە 45 مىليون يۈەن، 3-دەرىجىلىككە 30 مىليون يۈەن مۇكاپات تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم ۋە شەرقىي شىمال رايونلىرىدا ھەر بىر ئۆلكىگە ھەر يىلى 1-دەرىجىگە 100 مىليون يۈەن، 2-دەرىجىگە 75 مىليون يۈەن، 3-دەرىجىگە 50 مىليون يۈەن مۇكاپات تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

پىلان ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەرنىڭ 1-دەرىجىگە 30 مىليون يۈەن، 2-دەرىجىگە 20 مىليون يۈەن مۇكاپات تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى تونۇپ تولۇق تىزىملىكنى كۆرۈڭ

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ