بېكىتىلگەن تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، سۇغۇرتا پۇلىنى ھىيلە ئىشلىتىپ ئالداپ ئېلىۋېلىشقا زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى سىجىل يارىتىش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تور بېكىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدىكى كەڭ ئاممىدىن تېببىي دورا ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش يىپ ئۇچىنى توپلىدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى، بېكىتىلگەن دورىخانىلاردا «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى كۆز بوياپ ئىشلىتىش»، « كارتا يىغىپ ئوغرىلىقچە سۈركەش»، «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتىنى ساختا خاتىرىلەش» قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئىشلىتىش قىلمىشى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى پاش قىلسا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق راستلىقى دەلىللەنسە، بەلگىلىمىگە خىلاپ سوممىنىڭ مەلۇم نىسبىتى بويىچە مۇكاپاتلىنىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش بىرلا ۋاقىتتا ئاپتونوم رايون ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىلىرىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق بىلدۈرۈلدى: كۆپچىلىكنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە پاش قىلغۇچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قاتتىق مەخپىي تۇتۇپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىشلىتىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.