شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، دىسساناياكېنىڭ سىرى لانكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2024.09.24 13:07 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 9 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئانۇرا دىسساناياكېغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ سىرى لانكا دېموكراتىك سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سىرى لانكا ئەنئەنىۋى دوست قوشنا دۆلەتلەر. جۇڭگو بىلەن سىرى لانكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 67 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا چۈشىنىپ، بىر ـ بىرىنى قوللاپ، ئوخشاش بولمىغان چوڭ ـ كىچىك دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. مەن جۇڭگو ـ سىرى لانكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن سىرى لانكىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ مول نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن سىرى لانكىنىڭ ئۆزئارا سەمىمىي ياردەم بېرىش، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ـ سائادەت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ