شىنجاڭدىكى بىر جايدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 2024-2025-ئوقۇش يىللىق قىشلىق، يازلىق تەتىل ۋاقتى بېكىتىلدى

2024.09.23 14:11 مەنبە: خەلق تورى

يېقىندا، قاراماي شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى «قاراماي شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 2024-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان ئوقۇش يىلى مەكتەپ كالېندارى»نى ئېلان قىلىپ، بۇ يىللىق ئوقۇتۇش ۋاقتى ۋە قىشلىق، يازلىق تەتىل ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرغان.

بۇنىڭ ئىچىدە، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىنىڭ بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىلىق ئوقۇتۇش ۋاقتى 2024-يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 2025-يىل 1-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە بولۇپ، جەمئىي 19 ھەپتە بولىدىكەن؛ 2025-يىل 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە جەمئىي بەش ھەپتە بىر كۈن قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدىكەن؛ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىنىڭ بۇ مەۋسۇمدىكى ئوقۇتۇش ۋاقتى 2024-يىل 9-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 2025-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە بولۇپ، جەمئىي 20 ھەپتە بولىدىكەن؛ 2025-يىل 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدىكەن. تولۇق 3-يىللىقنى ھەرقايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مۇۋاپىق تەڭشەيدىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىنىڭ كېيىنكى مەۋسۇملىق ئوقۇتۇش ۋاقتى 2025-يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە بولۇپ، جەمئىي 20 ھەپتە بولىدىكەن؛ 2025-يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە جەمئىي سەككىز ھەپتە يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدىكەن؛ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇتۇش ۋاقتى 2025-يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە بولۇپ، جەمئىي 20 ھەپتە بولىدىكەن؛ 2025-يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە جەمئىي سەككىز ھەپتە يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدىكەن. تولۇق 3-يىللىقنى ھەرقايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ مۇۋاپىق تەڭشەيدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ