بۇ كىچىك سەييارىگە شىنجاڭدىكى داشۆنىڭ نامى بېرىلدى!

2024.09.23 13:58 مەنبە: خەلق تورى

9 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، «شىنجاڭ داشۆسى يۇلتۇزى»غا نام بېرىش مۇراسىمى شىنجاڭ داشۆسى (بودا مەكتەپ رايونى) دە ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن رەسەتخانا باشلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ رەسەتخانىسىنىڭ رەسەتخانا باشلىقى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ رەسەتخانىسى نەنسەن تېغى كۆزىتىش بازىسىنىڭ باش ئالىمى ۋاڭ نا جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسىغا ۋاكالىتەن «شىنجاڭ داشۆسى يۇلتۇزى»غا نام بېرىش ھۆججىتىنى ئوقۇپ ئۆتتى ھەمدە كىچىك سەييارىلەرگە نام بېرىش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بەردى.

2018 ـ يىلى، شىنجاڭ داشۆسى دۆلەت رەسەتخانىسىغا خەت ئەۋەتىپ، كېڭىشىپ «شىنجاڭ داشۆسى يۇلتۇزى» دەپ نام بېرىشنى تەلەپ قىلدى. دۆلەت رەسەتخانىسى كىچىك سەييارىلەرگە نام بېرىش كومىتېتى كۆڭۈل قويۇپ تاللاش ئارقىلىق، بايقاش ھوقۇقى ۋە نام بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە كىچىك سەييارىلەر ئىچىدە، 1997-يىل 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بايقالغان خەلقئارا مەڭگۈلۈك رەت نومۇرى 192450-نومۇرلۇق بولغان كىچىك سەييارىگە «شىنجاڭ داشۆسى يۇلتۇزى» دەپ نام بەردى.

بۇ كىچىك سەييارە نومۇرىنىڭ ئالدىنقى تۆت خانىلىق سانى «1924» بولۇپ، «1924-يىلى» شىنجاڭ داشۆسىنىڭ ئاساسى بولغان شىنجاڭ رۇس تىل-يېزىقى قانۇن-سىياسىي مەخسۇس مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ ئىنتايىن خاتىرىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە يىل. كىچىك سەييارىنى بايقىغان ۋاقىت «1997-يىل 11-ئاينىڭ 23-كۈنى»، خەلقئارا كىچىك سەييارىلەر مەركىزىنىڭ خاتىرىلەش شەكلى «19971123»، ئۇنىڭ ئالدىنقى تۆت خانىلىق سانى «1997» ۋە 5-7-خانىلىق سانى «112»نىڭ تەتۈر تەرتىپى بولغان «211» بولۇپ، 1997-يىلى شىنجاڭ داشۆسىنىڭ دۆلەتنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى «211 قۇرۇلۇشى» بويىچە نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

شىنجاڭ داشۆسى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، «شىنجاڭ داشۆسى يۇلتۇزى»غا نام بېرىش مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئىنتايىن مۇھىم قىممەتكە ئىگە.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ