پارا ئېلىشقا چېتىشلىق، قورال-ياراغ، ئوق-دورىلارنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتقان! ياڭ كېنىڭ ئەيىبلەندى

2024.09.20 13:56 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، سىچۈەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ كېنىڭ پارا ئېلىشقا چېتىشلىق، قورال-ياراغ، ئوق-دورىلارنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش دېلوسىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرگەن، جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى تەھقىقلەپ ئاخىرلاشتۇرغان، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بېكىتىشى بىلەن، جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلىگەن. يېقىندا جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى نەنتۇڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەيىبنامە سۇنغان.

تەپتىش ئورگىنى قاراپ چىقىپ ئەيىبلەش باسقۇچىدا جاۋابكار ياڭ كېنىڭغا بەھرىمەن بولىدىغان دەۋا ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۇقتۇردى ھەمدە جاۋابكار ياڭ كېنىڭنى سوراق قىلدى، ئاقلىغۇچىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. تەپتىش ئورگىنى مۇنداق ئەيىبلىدى: جاۋابكار ياڭ كېنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى ئابا زاڭزۇ-چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى راڭتاڭ ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئابا زاڭزۇ–چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئابا زاڭزۇ-چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، ئابا زاڭزۇ-چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى، سىچۈەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا نەپ يەتكۈزگەن، باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولغان؛ ياڭ كېنىڭ قورال-ياراغ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قورال-ياراغ، ئوق-دورىلارنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتقان، قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، پارا ئېلىش جىنايىتى، قورال-ياراغ، ئوق-دورىلارنى قانۇنسىز ئىلكىدە تۇتۇش جىنايىتى بويىچە ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ