9 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى تور بېكىتى «2025 ـ يىللىق شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مەركەزلىك قاتنىشىش، ھەق تاپشۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى.
ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، 2025-يىللىق ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مەركەزلىك قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇش مۇددىتى 2024-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2024-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدىكەن.
ئاھالە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسى: ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىكلەر ياكى بەلگىلىمە بويىچە باشقا كاپالەتتىن بەھرىمەن بولىدىغانلاردىن باشقا بارلىق شەھەر-يېزا ئاھالىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇسى ياكى ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بار بولغان ھەمدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئالىي مەكتەپلىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ھەمدە بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرىدىكى بالىلار؛ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار؛ «چەت ئەللىكلەر مەڭگۈلۈك تۇرۇش گۇۋاھنامىسى» ئېلىپ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئولتۇراقلاشقان، ئەمما ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان چەت ئەللىكلەر.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2025-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى 400 يۈەن بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «ئېغىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر كېسەللەرنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان (2022] 40-نومۇرلۇق) قا ئاساسەن، ھەرقايسى بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايونلار تۈرگە ئايرىپ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشقا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ. ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار (يېتىم بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) غا تولۇق سوممىلىق ياردەم بېرىلىدۇ، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىغا نورمىلىق ياردەم بېرىلىدۇ؛ يېزىلاردىكى ئاسانلا قايتا نامراتلىشىپ كېتىدىغان، نامراتلىشىپ كېتىدىغان نوپۇس (نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەر، نامراتلىق گىرۋىكىدىكى ئاسانلا نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەر، تاسادىپىي ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن ئائىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)قا قارىتا ئۆتكۈنچى مەزگىلدە تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرىغا نورمىلىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشتە پايدىلىنىلىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۆتكۈنچى مەزگىلدە ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلغان نوپۇسقا نورمىلىق ياردەم بېرىشكە بولىدۇ.
«2024 ـ يىللىق شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مەركەزلىك قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسلانغاندا، 2024 ـ يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى كىشى بېشىغا 380 يۈەنگە يەتكەن.