ئاپتونوم رايون 2024-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا جەمئىيەتتىن كەسپىي ئورۇنلارغا ئاشكارا خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ، 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ تىزىملىتىشقا بولىدۇ. بۇ قېتىمقى ئاشكارا تەكلىپ قىلىشتا جەمئىي 3450 ئىش ئورنى بولۇپ، 4592 ئادەم تەكلىپ قىلىش پىلانلانغان.
مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى (http://rst.xinjiang.gov.cn)، شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزىنىڭ ئورگان تور بېكىتى (https://www.xjrsks.com.cn)، جۇڭگو شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تورى (http/www.xjrc365.com) ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان.