يۈ مىنخۇڭ قەشقەر، خوتەنگە ئىئانە قىلدى

2024.09.18 15:27 مەنبە: خەلق تورى

9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، شىندۇڭفاڭ مائارىپ پەن ـ تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى يۈ مىنخۇڭ مەكىت ناھىيەسىدە قەشقەر ۋىلايىتىگە 3000 پۇتبول ئىئانە قىلدى.

يۈ مىنخۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پۇتبول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئازراق كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇ يەنە شىندۇڭفاڭغا ۋاكالىتەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا 100 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.

2023-يىلى، قەشقەر ۋىلايىتى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ تەنتەربىيە بىلەن مائارىپ يۇغۇرۇلغان پۇتبول ياشلار مەشىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇن بولۇپ تەستىقلاندى، بۇ ۋىلايەت باشتىن-ئاخىر ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدەنمەكتە ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزمەكتە.

بۇنىڭدىن باشقا، شىندۇڭفاڭ ۋوكەيدې (شىنجاڭ) مەدەنىيەت ـساياھەت چەكلىك شىركىتى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-ساياھەت تارماقلىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ