دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالىدى

​جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە 15 كىشىگە دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى

2024.09.14 09:58 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالىدى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش توغرىسىدىكى قارارغا ئاساسەن، 15 كىشىگە دۆلەت ئوردېنى، دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى.

رەئىس بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ۋاڭ يۇڭجى، ۋاڭ جېنيى، لى جېنشېڭ، خۇاڭ زۇڭدېغا «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» بېرىلدى.

دىلما رۇسسېف (ئايال، بىرازىلىيە)قا «دوستلۇق ئوردېنى» بېرىلدى.

ۋاڭ شياۋمو، جاۋ جۇڭشيەنگە «خەلق ئالىمى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ بايەكە كەلدىبېك(تاجىك مىللىتى)كە «خەلق قوغدىغۇچىسى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ تيەن خۇا(ئايال)غا «خەلق سەنئەتكارى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى. شۈ جېنچاۋغا «خەلق ھۈنەرۋىنى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ جاڭ جىنفەن، خۇاڭ دانيەنگە «خەلق مائارىپچىسى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ لۇ شېڭمېي(ئايال)غا «خەلق تېببىي خىزمەتچىسى» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ جاڭ جويۈەنگە «ئىقتىساد تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى؛ جاڭ شيېلىنغا «تەنتەربىيە خىزمىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار» دۆلەت شەرىپى نامى بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ