شى جىنپىڭ 11 - نۆۋەتلىك بېيجىڭ شياڭشەن مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2024.09.14 09:57 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 - نۆۋەتلىك بېيجىڭ شياڭشەن مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، دۇنيا خەلقىنىڭ خەۋپسىزلىك، مۇقىملىققا بولغان ئۈمىدى ئالدىدا، جۇڭگو يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەپ، خەلقئارا توقۇنۇشنىڭ مەنبەسىنى يوقىتىش، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەرنىڭ باراۋەر بولۇش، ئوچۇق بولۇش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش روھىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

11 - نۆۋەتلىك بېيجىڭ شياڭشەن مۇنبىرىنىڭ باش تېمىسى «تىنچلىقنى ئورتاق بەرپا قىلىش، كەلگۈسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش» بولۇپ، شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ