9 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ تيەنشۇي شەھىرىنىڭ مەيجى رايونىدىكى نەنشەن خۇانيۇ ئالما بازىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، مېۋىلىك باغقا كىرىپ، ئۆستۈرۈش، تېخنىكا ۋە پەرۋىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىمەكتە.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
9 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ لەنجوۋ جۇڭشەن كۆۋرۈكى بۆلىكىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، نەق مەيداندىكى كادىرلار، ئامما بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى
9- ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ لەنجوۋدا لەنجوۋدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن لەنجوۋدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گەنسۇ لەنجوۋ\شەنشى باۋجى، 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: گەنسۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئېكولوگىيەنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنى تېزلىتىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، بەختلىك، گۈزەل يېڭى گەنسۇ قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىپ، خەلقنى بېيىتىپ گەنسۇنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ گەنسۇ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.
9 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇ چاڭشېڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى رېن جېنخېنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تيەنشۇي، لەنجوۋ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ تيەنشۇي شەھىرىدە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى − فۇشى ئىبادەتخانىسىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: فۇشى ئىبادەتخانىسى ناھايىتى يۇقىرى تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە، بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسىنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئەجدادلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئىجادىيىتى ئارقىلىق كېيىنكىلەرنى مەڭگۈ رىغبەتلەندۈرۈپ، مىللەتنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ مەيجى رايونىدىكى نەنسەن خۇانيۇ ئالما بازىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ كۆرگەزمە تاختىسىغا بىرلەشتۈرۈپ تونۇشتۇرغان تاۋخې دەرياسى سۈيىنى باشلاپ سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، سەمىمىي ھالدا 2013 - يىلىنىڭ بېشىدا قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، قۇرۇلۇشتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلغان كۆرۈنۈشنى ئەسلىدى. 6 مىليونغا يېقىن ئاممىنىڭ شۇنىڭدىن كېيىن قىرتاق سۇ بىلەن خوشلاشقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ قوغداش بىلەن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ لىنىيە بويىدىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى تەلەپ قىلدى.
قىپقىزىل خۇانيۇ ئالمىسىنى شېخى كۆتۈرەلمەي قالغان بولۇپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى. شى جىنپىڭ مېۋىزارلىققا كىرىپ، ئالاقىدار ئۆستۈرۈش، تېخنىكا ۋە پەرۋىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتە. 70 نەچچە يىل يېتىشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق خۇانيۇ ئالمىسى ماركىسى تېخىمۇ تونۇلدى. سورتنى قوغداش ۋە يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ماركېتىڭ ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بۇ خاس كەسىپنى تېخىمۇ زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئۇ يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئالمىدەك شېرىن بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
ئارقىدىن، شى جىنپىڭ مەيجىشەن تېغى تاش غارىغا كېلىپ، ئاسما يولنى بويلاپ ھازىرغىچە 1600 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولغان ئۆڭكۈر ۋە ھەيكەل، تام رەسىملىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ تۆت چوڭ تاش غارى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گۆھىرى بولۇپ، مۇھىم تارىخىي قىممەت، مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە. ئۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ «موگاۋ روھى»نى داۋاملاشتۇرۇپ، قېتىرقىنىپ دۆلەت گۆھىرىنى قوغداپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ لەنجوۋ شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. ئەننىڭ رايونى زاۋلىن غەربىي مەھەللىسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، ئۇ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت سۇپىسى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەت ئۆيى ۋە مەھەللە ئاشخانىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى، نەق مەيداندا پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ خور رېپېتىتسىيەسىنى كۆردى. ئۇ يەنە ياندىكى ليۇجياباۋ ساقچىخانىسىغا كېلىپ، ساقچى كۈچلىرىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ۋە ئۈنۈمىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاھالىلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى، بولۇپمۇ «ياشانغانلار - بالىلار» قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىشنى چىڭ كۆزلەپ، مەھەللە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەش كېرەك. سىجىل تۈردە شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا قارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.
پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى لى زۇڭبياۋنىڭ ئۆيىدە، شى جىنپىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى. بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلادنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك، خۇشال - خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ ئىنتايىن خۇشال بولدى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: خەلق تۇرمۇشى ئەڭ چوڭ ئىش، خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياشانغانلارنىڭ بەختى، خاتىرجەملىكىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ياشانغانلار كۈتۈنۈش، داۋالاش ۋە مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلدى، بۇنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، بارغانسېرى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
مەھەللە مەيدانىدا، ئاھالىلەر بەس - بەستە چۆرىدەپ كېلىشتى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: بىز پات ئارىدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. 75 يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈرمەكتە، بىز تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىشىمىز، تېخىمۇ تىرىشىشىمىز، كۆپچىلىك بىرلىكتە غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، يېڭى، تېخىمۇ زور شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك. ئۇ كۆپچىلىككە ئالدىن جۇڭچيۇ بايرىمىلىق بەخت تىلەپ، ھەممە ئائىلىنىڭ تىنچ - ئامان، ساغلام، خۇشال - خۇرام بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
ئارقىدىن، شى جىنپىڭ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ لەنجوۋ جۇڭشەن كۆۋرۈكى بۆلىكىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ دەريا بويى پىيادىلەر يولىنى بويلاپ كۆزدىن كەچۈردى، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ نەق مەيداندىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا مۇنداق دېدى: خۇاڭخې دەرياسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسى، لەنجوۋ خۇاڭخې دەرياسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان بىردىنبىر ئۆلكە مەركىزى شەھىرى. كۆپچىلىك مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ھەممە كىشى قاتنىشىپ، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خۇاڭخې دەرياسىنى ئورتاق ياخشى قوغداپ، ئانا دەريانى مەڭگۈ ئەۋلادلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان دەرياغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، گەنسۇنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گەنسۇ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇھىم يېڭى ئېنېرگىيە ھەم يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى بازىسى بەرپا قىلىشى كېرەك. سوغۇققا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق زامانىۋى خاس يېزا ئىگىلىكىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم يېزا ئىگىلىك داڭلىق ماركىسىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك. تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ غەربىي قىسىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تېخىمۇ زور جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوللاش كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى زورايتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇدۇللىشىپ، ئۆلكە، رايون ھالقىغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق - دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر سىڭىشىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى، گەنسۇنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت جۇغلانمىسى مول، قىزىل مەدەنىيەت بايلىقى مول. قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، دۇنخۇاڭ تەتقىقات ئورنىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتىكى ئۈلگە ۋە دۇنخۇاڭشۇناسلىق تەتقىقات ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشىنى قوللاپ، چاڭچېڭ، چاڭجېڭ، خۇاڭخې دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسىنى ياخشى قۇرۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ قوشۇش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتچىلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت - ساياھەتچىلىكنى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق بېيىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئامما ئومۇميۈزلۈك ئېھتىياجلىق بولغان، بېجىرگىلى بولىدىغان خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، ئاممىنى ھېس قىلالايدىغان، مەنپەئەتلىنەلەيدىغان قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ كۆلەملىك نامراتلىققا قايتىپ كېتىشى، نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېزىلاردىكى كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى يېتىلدۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش كېرەك. جىشىشەن يەر تەۋرەش ئاپىتى رايونى قاتارلىق جايلاردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر، ئىللىق ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قىلچە بوشاشماي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، پاك - دۇرۇس بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە، مەسئۇلىيەتنى پائال زىممىسىگە ئېلىشقا، دادىل ئىشلەشكە يېتەكلەپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.
9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، گەنسۇغا بېرىش سەپىرىدە، شى جىنپىڭ شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ يىدې ۋە ئۆلكە باشلىقى جاۋ گاڭنىڭ ھەمراھلىقىدا باۋجى شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. شى جىنپىڭ باۋجى مىس قوراللار دەۋرى بۇيۇملىرى مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ مىس قوراللار مەدەنىيلىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، پارلاق ۋە شانلىق بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيلىكى تارىخىدا ئۆزگىچە ئورۇن تۇتىدۇ. مىس قوراللار دەۋرى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يەنە ۋېيخې دەرياسى ئېكولوگىيە باغچىسىنى كۆزدىن كەچۈردى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.
خى لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.
9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ لەنجوۋدا لەنجوۋدا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى شاڭشياۋدىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئىلغارلار، نەمۇنىچىلار، مەمۇرىي خادىملار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن لەنجوۋدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. خې ۋېيدۇڭ كۆرۈشۈشتە ھەمراھ بولدى.