شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ، تېببوننىڭ ئالجىرىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2024.09.12 14:37 مەنبە: خەلق تورى

9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئابدۇلمەجد تېببونغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئالجىرىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكلىشىمىزدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. مەن جۇڭگو - ئالجىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، بۇ يىلقى جۇڭگو - ئالجىرىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيەنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبالىنى ئورتاق ئېچىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ