يولداش شى جىنپىڭنىڭ «مائارىپ توغرىسىدا» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2024.09.09 09:40 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن يولداش شى جىنپىڭنىڭ «مائارىپ توغرىسىدا» ناملىق كىتابى يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت ـ ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

بۇ مەخسۇس تېمىلىق ئەسەرلەر توپلىمىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم قول يازمىلىرىدىن 47 پارچە كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم قول يازمىلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

مائارىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ئۇل تاش، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان سىياسىي تەدبىر قۇرۇلۇشى. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپنى دۆلەتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، پارتىيەنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش مۇھىم تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋر مائارىپ ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئومۇمىي سەۋىيەسى دۇنيادىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى. يولداش شى جىنپىڭ مائارىپنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلار «قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش»تىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، دۆلىتىمىز مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بۇ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەشتە ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ