جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ
ھۆرمەتلىك زۇڭتۇڭ فايې
ھۆرمەتلىك خىزمەتداشلار ۋە خانىملار
دوستلار، ئەزىز مېھمانلار:
خەيىرلىك كەچ!
كۆپچىلىك بىلەن يېڭى بىر قېتىملىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم رەپىقەم بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!
ئۆزئارا چۈشىنىش يىراق - يېقىن دەپ ئايرىلمايدۇ، ئارىلىق يىراق بولسىمۇ رىشتە ئۈزۈلمەيدۇ. مەن ئىلگىرى ئافرىقىدا ئون قېتىم زىيارەتتە بولدۇم، يەنە نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىنى كۈتۈۋالدىم. ھەر قېتىم ئافرىقىلىق دوستلار بىلەن كۆرۈشكەندە، ئىنتايىن يېقىملىق ھېس قىلىمەن، بولۇپمۇ جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسى مۇستەھكەم، باشلىنىش نۇقتىسى يۇقىرى، ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەرگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمەن.
جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئەنئەنىۋى دوستلۇقتا يىلتىز تارتقان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، بىز جاھانگىرلىككە، مۇستەملىكىچىلىككە، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، تەرەققىيات، گۈللىنىش، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ بىللە ماڭدۇق. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىندى، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى.
جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى نامايان قىلدى. 24 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يېڭى ئەسىرنىڭ تاڭ نۇرىنى كۈتۈۋېلىپ، ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى. بىز بۇ مۇھىم سۇپىغا تايىنىپ، قول تۇتۇشۇپ تاشيول، تۆمۈريول، مەكتەپ، دوختۇرخانا، سانائەت باغچە رايونلىرى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنى قۇرۇپ، سانسىزلىغان كىشىنىڭ تۇرمۇشى ۋە تەقدىرىنى ئۆزگەرتتۇق.
جۇڭگو بىلەن ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ قۇدرەت تېپىشى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. 2021-يىللىق مۇنبەر داكار يىغىنىدىن بۇيان، بىز «توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇش»قاتارلىق يىغىن نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبتىكى دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ئورتاق ياڭراتتۇق.
دوستلار، ئەزىز مېھمانلار!
تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇنى رېئاللىققا تۇتاشتۇرىدىغان مۇقەررەر يول. مەيلى ئىلگىرى ياكى ھازىر بولسۇن، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ باشلامچىسى، كەلگۈسىدىمۇ جەزمەن قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭىدۇ. ئىشىنىمەنكى، 2 مىليارد 800 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو - ئافرىقا خەلقلىرى بىر مەقسەت، بىر يۆنىلىشتە بولسىلا، چوقۇم زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا بىرلىكتە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ..
ھازىر مەن مۇنداق تەكلىپ بېرىمەن :
جۇڭگو ۋە ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، خەلقىنىڭ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن،
جۇڭگو-ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشى ئۈچۈن،
بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن،
ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن،
قەدەھ كۆتۈرەيلى!