شى جىنپىڭ ئافرىقا ئالىملىرىغا جاۋاب خەت قايتۇردى

2024.09.02 10:02 مەنبە: خەلق تورى

8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئافرىقىدىكى 50 دۆلەت ئالىملىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى داۋاملىق تۈردە يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئېچىشنىڭ دەۋر بۇرغىسى چېلىندى. تىنچلىق، تەرەققىياتقا ئىنتىلىدىغان، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشكە قەتئىي ئىرادە باغلىغان جۇڭگو ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، مۇقەررەر ھالدا دۇنيا تىنچلىقى ۋە خەلقئارا ھەققانىيەت كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىگە، بولۇپمۇ «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىگە پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەزەلدىن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيا ۋەزىيىتى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك كۈچەيتىشى كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى يەنە بىر قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقى مۇھىم ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئىستىقبالىنى ئاچىدۇ. سىلەرنىڭ «جۇڭگو - ئافرىقا دارېسسالام ئورتاق تونۇشى» ئاساسىدا، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات يولى، جۇڭگو - ئافرىقا ۋە جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى تەتقىقات، ئىزدىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

يېقىندا، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق نوپۇزلۇق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى، جېجياڭ سىفەن داشۆسى ئافرىقا تەتقىقات ئورنىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى گروبلېر ئافرىقىدىكى 50 دۆلەتتىن كەلگەن 63 ئالىم بىلەن بىرلىكتە رەئىس شى جىنپىڭغا بىرلەشمە ئىمزالىق خەت يېزىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مۇنبەر باشلىقلار يىغىنىنىڭ جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى سەھىپە پۈتۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ