شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى ساللىۋان بىلەن كۆرۈشتى

2024.08.30 10:48 مەنبە: خەلق تورى

8 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى ساللىۋان بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر بۆلۈنۈش، قارشىلىشىشقا ئەمەس، بەلكى ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشقا ئېھتىياجلىق؛ خەلق بېكىنمىچىلىك، چېكىنىشنى ئەمەس، بەلكى ئېچىۋېتىش، ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارىخقا، خەلققە، دۇنياغا مەسئۇل بولۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنىڭ مۇقىملىق مەنبەسى ۋە ئورتاق تەرەققىياتنىڭ ئالغا سىلجىتقۇچىسى بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت ئالاقىسىدە، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى توغرا ئىستراتېگىيەلىك تونۇش تۇرغۇزۇش، ئالدى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا زادى رەقىبمۇ ياكى ھەمراھمۇ، دېگەن بۇ باش تۇتقا مەسىلىسىگە ياخشى جاۋاب بېرىش كېرەك. جۇڭگونىڭ تاشقى سىياسىتى ئاشكارا، ئېنىق، ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتى ئوچۇق بولۇپ، يۈكسەك ئىزچىللىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاپ كەلدى. بىز دىققىتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردۇق ۋە راۋاجلاندۇردۇق. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىغا قارىتىلغان سىياسەتتە يۈكسەك ئىزچىللىقنى ساقلاپ كەلدى. گەرچە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئەھۋالىدا ۋە جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ چىقىرىش نىشانى ئۆزگەرمىدى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش ئاساسىدا جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپى ئۆزگەرمىدى، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش مەيدانى ئۆزگەرمىدى، جۇڭگو ـ ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى ئۆزگەرمىدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئوخشاش نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو ۋە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي، ئاقىلانە پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بىر ـ بىرىنىڭ تەرەققىياتىنى خىرىس ئەمەس بەلكى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك، ئوخشاش بولمىغان تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان يولدىكى ئىككى دۆلەتنىڭ يەر شارىدا تىنچ بىللە تۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت توغرا چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى تېپىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇشۇ ئاساستا ياخشىلىنىش، ئالغا قاراپ مېڭىشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ساللىۋان زۇڭتۇڭ بايدېننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا ۋە جۇڭگو دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. مېنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ مۇدىر ۋاڭ يى بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشۇم چوڭقۇر، سەمىمىي بولدى، ماھىيەتلىك ۋە ئىجابىي بولدى. مەن شۇنداق تەكىتلەشنى خالايمەنكى، ئامېرىكا تەرەپ «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، ئىتتىپاقداشلىق سىستېمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئارقىلىق جۇڭگوغا قارشى تۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىمايدۇ، جۇڭگو بىلەن توقۇنۇش پەيدا قىلىش غەرىزى يوق. ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتى ئۆزگەرمىدى، تەيۋەننى جۇڭگونى چەكلەيدىغان قورال قىلىش غەرىزى يوق. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق ساقلاپ، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگودىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، ئامېرىكا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش چارىسىنى تېپىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. زۇڭتۇڭ بايدېن پات ئارىدا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ ساللىۋانغا زۇڭتۇڭ بايدېنغا سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى، زۇڭتۇڭ بايدېن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق ساقلاپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئۈچۈن رول تۇتۇپ يول باشلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ