«شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2024.08.19 17:37 مەنبە: خەلق تورى

دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش» ناملىق كىتاب يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

بۇ كىتابتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، ئەمەلىيەت تەلىپى مەخسۇس تېمىغا بۆلۈپ بايان قىلىنغان. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلە، دەپ چوڭقۇر كۆرسىتىپ، ئېنېرگىيە كاپالىتى ۋە بىخەتەرلىكى دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، قىلچە سەل قاراشقا بولمايدىغان «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى» دەپ تەكىتلەپ، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا جەزمەن ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدا، دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار يۆنىلىش خاراكتېرلىك، نېگىزلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلىلەر چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيلىققا، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ۋە قاراتمىلىققا ئىگە، بۇ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى خىزمىتىگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ