شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن جۇڭگو ـ بىرازىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.08.18 17:51 مەنبە: خەلق تورى

8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇھىم بازار دۆلىتى بولۇپ، مەقسەت ـ نىشانى بىردەك بولغان ياخشى دوست، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى ھەمراھ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن ـ ئاخىر مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، يەرشارىۋى تەسىرى كۈنسېرى گەۋدىلەندى، ھەرقايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇلتۇر زۇڭتۇڭ لۇلا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدى، بىز يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئېچىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيە تەرەپ بىلەن جۇڭگو ـ بىرازىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىگە يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى قوشۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو ـ بىرازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

لۇلا مۇنداق بىلدۈردى: يېرىم ئەسىردىن بۇيان، بىرازىلىيە ـ جۇڭگو دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ھەمكارلىقى كۈنسېرى كۆپ مەنبەلەشتى. ھازىر، ئىككى دۆلەت كۆپ ساھە، ھەرقايسى دەرىجە ـ قاتلاملاردا ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ، تېخىمۇ گۈللەنگەن، تىنچ ۋە ھەققانىي دۇنيانى ئورتاق قۇرماقتا. بىرازىلىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى كۆپ قۇتۇپلۇق تەرتىپ ئورنىتىش ۋە تېخىمۇ ھەققانىي، ئۈنۈملۈك بولغان يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشتا كۈنسېرى مۇھىملىشىۋاتقان بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ھەم مۆلچەرلىگىلى بولۇش خاراكتېرىگە قارىتا تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى 50 يىلىدا، بىز مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ يېڭى يول ئېچىپ، تەقدىرداش بولغان پارلاق كەلگۈسى بەرپا قىلىمىز.

شۇ كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بىرازىلىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئالكمىن بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ