بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى: 500 مىليونغا يېقىن بالا تېخىمۇ كۆپ چەكتىن ئاشقان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى

2024.08.15 13:42 مەنبە: خەلق تورى

شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى (UNICEF) ھەر يىلى 500 مىليونغا يېقىن بالا چەكتىن ئاشقان تېمپېراتۇرىغا ئۇچرايدىغان كۈن سانى ئەجدادلىرىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەككە توغرا كەلگەنلىكىنى؛ چەكتىن ئاشقان يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ جانغا زامىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.

خەۋەرقىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى يەر شارى كىلىماتىنىڭ سىجىل ئىللىشىغا ئەگىشىپ، 60 يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بەشتىن بىر قىسىم بالا (تەخمىنەن 466 مىليون بالا) «ھەر يىلى تېمپېراتۇرا ئىنتايىن يۇقىرى بولغان كۈن سانى ئاز دېگەندە بىر ھەسسە ئاشىدىغان» رايوندا ياشايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەشۋىقات مەسئۇلى لىلى كاپرانى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بالىلارنىڭ بەدىنى چوڭلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ ئاسان ئۇچرايدۇ. ھامىلىدارلار تېخىمۇ زور خەتەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن».

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى تېمپېراتۇرىنىڭ 35 سېلسىيە گىرادۇس (95 فارېنگېيت)قا يەتكەن كۈن سانىنى ئۆلچەم قىلىپ، 2020-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىنى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى بىلەن سېلىشتۇرغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ