يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشتە دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ

2024.08.08 16:38 مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، قىسمەن يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى تۈزەشتىن كېيىن تېخىمۇ «شەھەرلىشىپ» كەتكەنلىكىنى بايقىدى، كەنت ئىچىدە ماڭغاندا توخۇلارنىڭ چىللىشىنى ئاڭلىغىلى بولمايتتى، كۆلچەكتە ئۆردەك-غازلارنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. بەزى دېھقانلار چۈشەنمەي، «ھەر بىر ئائىلە بىر نەچچە توخۇ باققانغا مۇھىتنى قانچىلىك بۇلغىۋېتەر؟» دېيىشتى.

بۇ سوئال كىشىلەر قەلبىنى تىترەتتى.

يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ياخشى ئىش، بىراق بەزى جايلار ياخشى ئىشنى ياخشى قىلالمىغاچقا ئاممىنىڭ ئاغرىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بەزى كادىرلارمۇ غۇدراپ «دېھقانلارغا ياخشى ئىش قىلىپ بەرسەك، دېھقانلار نېمىشقا خالىمايدۇ؟» دېيىشتى. دېھقانلارنىڭ بۇ قايتۇرما سوئالى بەلكىم دەل مەسىلىنىڭ جاۋابى بولۇشى مۇمكىن، يەنى ئىش باشلاشتىن بۇرۇن كۆپچىلىكنىڭ پىكرى ئېلىندىمۇ؟

كەنتتىكى «ئاچقۇچلۇق كىچىك ئىش»نى ياخشى قىلىشتا دېھقانلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىنى نامايان قىلىش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشتە، ئاۋۋال كەنت ئاھالىلىرىدىن نېمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى سوراش كېرەك. كەنت ئاھالىلىرى قاتناشمىسا، ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىنى ئاڭلىمىسا، ئۇنداق-مۇنداق مەسىلىلەر كېلىپ چىقىدۇ. يېزىلاردىكى ھاجەتخانا ئىنقىلابى، چارۋا، قۇشلارنىڭ گەندە-ماياقلىرى،كېرەكسىز ماددىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، كىچىك تىپتىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق.

مەسىلەن، قىسمەن جايلاردا ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تەرتىپكە سېلىش جەريانىدا «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ» توخۇ، ئۆردەك بېقىشنى پۈتۈنلەي چەكلىسە، كەنت ئاھالىلىرى خالىمايدۇ، رازى بولمايدۇ. زىيارەتنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان ناھايىتى كونكرېت سۆزلىدى، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرى ئېشىپ قالغان قورۇمىلارنى توخۇلارغا يەم قىلىپ بېرىدىكەن، مىكىيان تۇخۇم تۇغسا، تۇخۇمىنى يېگىلى بولىدىكەن، چاغاندا پەرزەنتلىرى شەھەردىن قايتىپ كەلسە «يەرلىك توخۇ» يېيەلەيدىكەن، ھازىر توخۇ باققىلى قويمىغانلىقتىن، تۇخۇم يېگۈسى كەلگەندە تاللا بازىرىغا بېرىپ پۇل خەجلەپ سېتىۋالىدىكەن. بەزى جايلار ئۆزىنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىدا مەسىلە كۆرۈلگەن-كۆرۈلمىگەنلىكى ئۈستىدە ئويلانماي، ئەكسىچە كەنت دەرىجىلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىشنى توختىتىش قاتارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ كەنت ئاھالىلىرىنى «قۇرقۇتۇپ»، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بولغان زىددىيەتنى كۈچەيتىۋەتكەن.

مەيلى «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ» توخۇ-ئۆردەك بېقىشنى چەكلەش بولسۇن ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن ھالقىپ «قورقۇتۇش» شەكلىدىكى ۋاسىتىلەر بولسۇن، قىسمەن بازار، كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسىغا سەل قاراش ئەمەلىيەتتە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە ئاممىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقنىڭ ئىپادىسى.

ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تەدبىر بەلگىلەشتە چوقۇم ئاممىدىن كۆپرەك پىكىر ئېلىش، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى سوراش، ئۈنۈمىنى ئاممىدىن سوراش كېرەك. ئاممىنى مۇھىتنى تەرتىپكە سېلىشتىكى تەدبىر بەلگىلەش، قۇرۇلۇش قىلىش، باھالاشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا قاتناشتۇرۇش __ كەنت ئاھالىلىرىنى تۈزەش ئۈنۈم «تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش»، شۇنداقلا ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق تۈزەشكە يېتەكلەشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر بولۇپ، قارشىلىقنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە باشقۇرۇش، ئاسراش تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، سىجىل ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

«ئاممىنىڭ تەقەززاسى»نى چىقىش قىلىپ، «خەلق رازى بولۇش»نى مەقسەت قىلىش لازىم. يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تەرتىپكە سېلىشتا، كەنت ئاھالىلىرى ياخشى دېسە ئاندىن ياخشى بولغان بولىدۇ. كادىرلار ۋە ئامما ياخشى پىكىرلىشىپ، ئۆلچەم ئاممىغا ياققاندىلا ئاندىن تەرتىپكە سېلىش ئۈنۈمى ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملىيەلەيدۇ.

كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ