7-ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىتالىيە زۇڭلىسى مېلونىي بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى
7-ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىتالىيە زۇڭلىسى مېلونىي بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە ئايرىم - ئايرىم ھالدا قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ ئىككى ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە دوستانە ئالاقىسى شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان، تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى يادرو قىلغان يىپەك يولى روھى جۇڭگو - ئىتالىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق بايلىقى. ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر - بىرى بىلەن تۇتاش، ئىتتىپاق بولسا ئورتاق ئىلگىرىلەيدۇ، بېكىنمىچىلىك، بۆلۈنۈش بولسا ھەر قايسىسى چېكىنىپ كېتىدۇ. جۇڭگو - ئىتالىيە ئىككى دۆلەت يىپەك يولى روھىغا ئەمەل قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە تارىخىي ئۆلچەم، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو - ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. گەرچە ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە سىجىل چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بولسىمۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو - ئىتالىيە مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ئارزۇسى ئۆزگەرگىنى يوق، جۇڭگو - ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ماھىيىتى ئۆزگەرگىنى يوق، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق رىشتى ئۆزگەرگىنى يوق. ئىككى تەرەپ دوستانە ئالاقە قىلىش ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولىنى داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. جۇڭگو - ئىتالىيە ئىككى دۆلەتنىڭ كەسىپ ئەۋزەللىكى بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر - بىرىگە پۇرسەت يارىتىدۇ، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئەمدىلا يېپىلدى، جۇڭگو تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ، شۇنداقلا ئىتالىيە قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيە تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا سېلىنمىسى، سانائەت ياسىمىچىلىقى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۈچىنچى تەرەپ بازىرى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھەمكارلىقنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، توكلۇق ئاپتوموبىل، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر ھەمكارلىقىنى مۇھاكىمە قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىتالىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، ئىتالىيە تەرەپنىڭ ئوخشاشلا جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئىتالىيەگە بېرىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئادىل، ئاشكارا، بىخەتەر، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش نەتىجىلىرىنى قەدىرلەپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ قوش يۆنىلىشلىك بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ رىشتى تۇتاش بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئىتالىيە تەرەپنىڭ 2026 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، ئىتالىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئىتالىيەگە بېرىشىنى ۋىزا بېرىشنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىقتىساد يەرشارىۋىلىشىش دەۋرىدە، پەقەت يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى جەھەتتىكى ئوچۇق ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇشلا تەڭ نەپ ئالىدىغان تەرەققىيات ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئەزەلدىن زومىگەرلىككە ئىنتىلمەيدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىشنى خالايدۇ. ئىتالىيە تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ۋە ئۇنى قوللاپ، جۇڭگو - ياۋروپانىڭ سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشى، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ پائال، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مېلونىي مۇنداق بىلدۈردى: 2022 - يىلى 11 - ئايدا بالى ئارىلىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن كېلىشكىنىمىز بويىچە جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇ يىل دەل ئىتالىيە بىلەن جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ۋە ماركوپولو ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ 700 يىللىقى. ئىتالىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىزچىل بىر - بىرىدىن زوقلىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ كەلدى. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو مۇھىم چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش جەھەتتىكى رولى تەڭداشسىز. ئىتالىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان تېخىمۇ زىچ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىتالىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ئىتالىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا سېلىنمىسى، توكلۇق ئاپتوموبىل، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىتالىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىتالىيە تەرەپ «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش» ۋە قورۇقچىلىققا قارشى تۇرىدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا پائال رول ئويناشنى خالايدۇ.
ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ھەرىكەت پىلانى(2024 - يىلىدىن 2027 - يىلىغىچە)»نى ئېلان قىلدى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.