جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتن

تاڭ خۇڭبوغا «2 ـ دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش، تاڭ شېڭجيې، جياڭ شىنلىنغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» شەرەپ نامى بېرىش ھەم «3 ـ دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش توغرىسىدىكى قارارى

(2024 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى)

2024.07.29 15:50 مەنبە: خەلق تورى

2023 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، شېنجوۋ 17 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تاڭ خۇڭبو، تاڭ شېڭجيې، جياڭ شىنلىن ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىگە ئوڭۇشلۇق كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ئوربىتىدا ئالتە ئاي تۇرۇپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ مەشغۇلات قىلىپ، يۈك كۆتۈرۈشچان گازلىق كىلاپان بۆلۈمچىسىگە سەككىز قېتىم كىرىپ ـ چىقىش ۋەزىپىسىنى يۈرگۈزۈپ، ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئاسراش، رېمونت قىلىش بويىچە 50 نەچچە تۈرلۈك ۋەزىپىنى تاماملاپ، 100گە يېقىن بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان يۈك كۆتۈرۈشچانلىقنى ئوربىتىدا تەجرىبە (سىناق) قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 2024 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى بىخەتەر قايتىپ كەلدى. شېنجوۋ 17 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى ئەمەلىي قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن بۇيانقى 2 ـ قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى بولۇپ، ئوربىتىدىكى ئالەم ئۇچقۇسىنىڭ بۆلمە سىرتىدىكى ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىشى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، تۇنجى تۈركۈمدىكى بۆلمە سىرتىدا ئاشكارا تۇرغان تەجرىبە ماتېرىياللىرى ئەۋرىشكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ كېلىندى، بۇ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا يېڭى قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى كۈچەيتىش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شېنجوۋ 17 ـ نومۇرلۇق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىغا كەڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى، كادىرلار، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر ـ جەڭچىلىرىنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن. يولداش تاڭ خۇڭبو، تاڭ شېڭجيې، جياڭ شىنلىن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر، ئۇلار پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇپ، بۇرچىغا سادىق بولۇپ، جاپا ـ مۇشەققەتتىن قورقماي، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، دۇنياغا قۇدرەتلىك جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچىنى نامايان قىلدى. يولداش تاڭ خۇڭبو ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئالەم بوشلۇقىغا چىقتى ھەم كوماندىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا قايتا چىققان تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ، جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئوربىتىدا ئۇچۇش ۋاقتى ئۇزاق بولۇش جەھەتتە يېڭى رېكورت ياراتتى. يولداش تاڭ شېڭجيې جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلدى، نۆۋەتتە ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم بوشلۇقىغا چىققان ئەڭ ياش ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ، 3 ـ تۈركۈم ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئىچىدىكى بۆلۈمچىدىن چىقىپ مەشغۇلات قىلغان تۇنجى ئالەم كېمىسى ھەيدىگۈچىگە ئايلاندى. يولداش جياڭ شىنلىن بۆلمە سىرتىنى رېمونت قىلىش مەشغۇلاتىنىڭ ئاساسلىق مەشغۇلاتچىسى بولۇپ، تېخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن، تەمكىن، سوغۇققان بولۇپ، تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇشىدىلا ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يولداش تاڭ خۇڭبوغا «2 ـ دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش، يولداش تاڭ شېڭجيې، جياڭ شىنلىنغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» شەرەپ نامى بېرىش ھەم «3 ـ دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىشنى قارار قىلدى.

يولداش تاڭ خۇڭبو، تاڭ شېڭجيې، جياڭ شىنلىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالىيجاناب ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلىغان دەۋر ئاۋانگارتلىرى، ئالەم بوشلۇقى توغرىسىدا ئىزدىنىش، ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئۈلگە ـ نەمۇنىچىلار. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەقدىرلەنگەن ۋە مۇكاپاتلانغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى ۋە ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ