بۇنداق تور قالايمىقانچىلىقىغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك

2024.07.26 17:15 مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا شىئەن ساقچىلىرى مەلۇم تور چولپىنىنىڭ ئېقىم مىقدارىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن «سەھنە ئەسىرى» توقۇپ، بىر ئادەم يوقاپ كەتتى، دەپ يالغان مەلۇم قىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. ھازىر ئالاقىدار خادىملار دېلوغا چاقىرىلدى. بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغىنى، يېقىندا مەلۇم تور چولپىنى «موگۇنى خام يەپ زەھەرلىنىپ دوختۇرغا ئاپىرىلدى» ناملىق سىن كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلىپ، نۇرغۇن تور ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. سۇپىنىڭ دەلىللىشىچە، بۇ تور چولپىنى سىننىڭ يالغاندىن سۈرەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توردىكى ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ ئۆزى رول ئېلىش، ساختىلىق قىلىپ سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق تور قالايمىقانچىلىقىغا قارىتا، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تۈزەش سالمىقى بارغانسېرى ئاشتى. ئەمما ئېقىم مىقدارى ۋە مەنپەئەت ئۈچۈن يەنىلا بەزى تور چولپانلىرى تەلەي سىناپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلدى.

تور قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس. قىسقا سىن ئىجادىيىتىدە ئەلۋەتتە مۇۋاپىق ئىجاد قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما «سىن ئىجادىيىتى» بىلەن «ھەقىقىي خاتىرە»نىڭ چېگراسىنى قەستەن غۇۋالاشتۇرۇپ، ساختىلىق قىلىدىغان، راست بىلەن يالغاننى ئارىلاشتۇرىدىغان «ئۇچۇر قىلتىقى»نى توقۇپ چىقسا، جەمئىيەتنىڭ ياخشى نىيىتىنى خورىتىپ، تور ئېكولوگىيەسىنى بۇزىدۇ.

بۇنداق تۆۋەن چېكى يوق ساختا سۈرەتكە ئالىدىغان، ئاممىۋى تەرتىپ، ئۆرپ-ئادەتكە خىلاپ قالايمىقانچىلىقلارنى قەتئىي تۈزەپ، ئۇلارنىڭ ياشاش بوشلۇقى بولۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك.

كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ