خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۇڭچىڭنىڭ «سېۋەت يۈدۈش مەخسۇس لىنىيەسى»نىڭ مېترو نۇسخىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە سۇ ئۈستى نۇسخىسىمۇ بار، خەۋەر قىلىنىشىچە، يېقىندا چۇڭچىڭ مېتروسىنىڭ «سېۋەت يۈدۈش مەخسۇس لىنىيەسى» توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، مېترو 4-لېنىيەسى يۈبېي رايونىنىڭ شىچۇەن بازىرىنى شەھەر مەركىزىگە تۇتاشتۇرىدىكەن، ھەر كۈنى ئەتىگەندە شەھەر ئەتراپىدىكى كۆكتاتچىلار سېۋەتلىرىنى يۈدۈپ 4-لېنىيەگە ئولتۇرۇپ شەھەرگە كىرىپ كۆكتات ساتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چۇڭچىڭ جۇڭشيەن ناھىيەسىنىڭ ياڭدۇدىن شىشەنگە بارىدىغان ئىككى پىرىستان ئارىسىدا، شۇ جايدىكى بىردىنبىر «سۇ ئۈستى ئاممىۋى ئاپتوبۇسى» دەپ ئاتىلىدىغان «يۈجۇڭكې 2180» قاتنايدىغان بولۇپ، ھەر كۈنى سائەت ئالتە يېرىمدا، نۇرغۇن كۆكتاتچىلار سېۋەت-ئەپكەشلىرىنى يۈدۈپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ شەھەرگە كىرىپ كۆكتات ساتىدىكەن.
«شەھەرنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى ھەم ھۆججەت سومكىسىنى سىغدۇرۇشى ھەم سېۋەت-ئەپكەشلەرنى سىغدۇرالىشى كېرەك»، سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتىكى ئىككى «مەخسۇس سېۋەت لىنىيەسى» بىر جاينىڭ كەڭ سىغدۇرۇشچانلىقى ۋە ئىللىقلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، شۇنداقلا ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى نامايان قىلىدۇ.
جايلار ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشى ئارزۇ-تەلىپىگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن خاسلاشقان ھەل قىلىش لايىھەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە، قىسمەن كىشىلەرنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا بولغان ئارزۇ-تەلىپى بەلكىم ئانچە كۆزگە چېلىقماسلىقى، دىققەتنى تارتالماسلىقى، بايلىققا ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. ۋاھالەنكى بۇ خىل ئارزۇ-تەلەپلەرنىڭ دىققەتكە ئېرىشىشى ۋە قانائەتلەندۈرۈلۈشىدە تاسادىپىي ئامىللارمۇ بار، يەنە ئەل ئىچىدىكى بەزى مېھرىبان زاتلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. چۇڭچىڭدىكى سۇ ئۈستى «سېۋەت يۈدۈش مەخسۇس لىنىيەسى» كاپىتانىنىڭ چىڭ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇشى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق زور مىقداردىكى مەستانىلەرنى جەلپ قىلغاندىن كېيىن، بۇ مەخسۇس لىنىيەنىڭ تىجارەت كىرىمى ئاشتى، يەنە كۆكتاتچىلارنى ھەقسىز ناشتىلىق ۋە ئارام ئېلىش سورۇنى بىلەن تەمىنلىدى.
خەلق تۇرمۇشى تەلىپىدىكى ئوخشىمىغان قىيىنچىلىق، قىيىن نۇقتىلارنى كۆرۈش ھەمدە ئامال قىلىپ ھەل قىلىش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرىكمە كۈچىدىن، بولۇپمۇ يەرلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلار ۋە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىلگىرى چۇڭچىڭ مېتروسىنىڭ «سېۋەت يۈدۈش مەخسۇس لىنىيەسى» توردا ئالقىشلانغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى مېترو 4-لېنىيەسى قاراتمىلىق ھالدا مەنزىلدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، ئىشىك ئېچىلىش ۋاقتىنى ئالدىغا سۈرۈش، سېۋەت ۋاگونى تەسىس قىلىش، يەرلىك شىۋىدە ئاۋازلىق مەلۇم قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. «سۇ ئۈستى ئاممىۋى ئاپتوبۇسى»غا ئولتۇرىدىغان كۆكتاتچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن يەرلىك ھۆكۈمەت پىرىستان ئەتراپىدا ۋاقىتلىق سودا بازىرى قۇردى، شۇ جايدىكى دېڭىز ئىشلىرى تارماقلىرى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئاساسلىق سۇ يولىنىڭ سىرتىدا ئايرىم قاتناش لېنىيەسى ئېچىپ بەردى. خۇنەننىڭ چاڭدېدا ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلىدىن يەتتە ياشلىق بىر بالا ئۆزى يالغۇز ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىگە بېرىپ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مەكتەپكە بېرىشقا مەجبۇر بولغاندا، ئاممىۋى قاتناش شىركىتى قائىدىنى بۇزۇپ، بۇ بالىنىڭ ئىشىك ئالدىدا بىر بېكەت تەسىس قىلدى.
ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ جايلارنىڭ كۆپ تەرەپلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى توپلاپ، دەل مۇلازىمەت قىلىش، ئىنچىكە باشقۇرۇش ئارقىلىق خەلقنىڭ رايىغا ماسلىشىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئوخشىمىغان ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئەمەلىي مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، پۇقرالارغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز