گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
«ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش»، «مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش»، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىلمىي پىلانلاندى، «پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، < قارار >نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
«ھەم ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، ھەم ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك»، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىكى ئاچقۇچ مىخ قېقىش روھى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشنى تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، نازارەت قىلىشنى تۇتۇشتا. مەركەز قاتلىمىدا ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلەش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشتىن ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قۇرۇلۇش مۆھلىتىنى تەتۈر ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۈزۈلدۈرمەي ئالغا سىلجىتىشقىچە، يەنە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ چوڭقۇر نازارەت قىلىشىغىچە، ھەقىقىي ئىشلەپ ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك...پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى ئىسلاھات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، تاش، تۆمۈردە ئىز قالدۇرغۇدەك غەيرەت بىلەن ئىسلاھاتنى پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، نۇرغۇن ساھەلەردە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، سىستېما خاراكتېرلىك قايتا قۇرۇش، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ياخشى تەدبىر، ياخشى ئۇلۇغۋار پىلان بار بولۇشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتقاندىلا، ئاندىن ئىسلاھاتتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىسى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇشتىكى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسى، مۇھىم پىرىنسىپى، مۇھىم تەدبىرى، تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا قارىتا، پۈتۈن پارتىيە جەزمەن راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىسلاھاتنى پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى تۇتۇش كېرەك.» مىخ قېقىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، شەكىلۋازلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، قارىغۇلارچە ئىش قىلىدىغان ئوبراز قۇرۇلۇشى، خەلققە جاپا سالىدىغان، مال-مۈلۈككە زىيان سالىدىغان سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنى، ئىدىيەۋى لۇشيەنى، ئاممىۋى لۇشيەنىنىڭ تۈپ تەلىپى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك ۋە سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەك. يولغا قويۇش لايىھەسىنى ياخشى تۈزۈپ، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈش، دەل ۋاقتىدا، مۇۋاپىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كادىرلارنى يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھات تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئورتاق تونۇش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىش كېرەك. «خەلق ئاممىسى بىپايان كۈچ - قۇۋۋەت دېڭىزى بولۇپلا قالماي، يەنە چەكسىز ئەقىل-پاراسەت دېڭىزى.» كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، ئېھتىياجنى سوراپ، خەلقتىن ئەقىل سوراپ، ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىنىڭ باش ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ،خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئەھۋاللاردىن ئىسلاھاتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسلاھات ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي نەتىجە، ئەمەلىي ئۈنۈم ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى سىنىغاندىلا، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى چوقۇم شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.
يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭىدىن يولغا چىقىش. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئېچىشتىن ئىبارەت دەۋر بۇرغىسى چېلىندى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىسەكلا، چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى، تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتالايمىز.