گېزىتىمىز ئوبزور چىسى
سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بىر قىممەتلىك تەجرىبە، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم، زور پىرىنسىپ. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى»دا، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىسلاھات ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلىنىپ، سىستېمىلىق جايلاشتۇرۇش كۈچەيتىلىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتلار ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلدى ۋە بىرلىكتە يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىندى.
يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نۇرغۇن يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى تېخىمۇ ئېغىر، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىغا قويۇلىدىغان تەلەپ تېخىمۇ كۈچلۈك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ قىسمەن دائىرىدە ئىزدىنىش ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نۇرغۇن ساھەلەردە تارىخىي ئۆزگىرىش، سىستېمىلىق قايتا قۇرۇش، بىر پۈتۈن قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭمۇ دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشىدىكى مۇھىم بىر تەرەپ سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق، ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلەپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتقانلىقىدا.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە جەزمەن سىستېمىلىق قاراش، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، دىيالېكتىك تەپەككۇرنى كۈچەيتىپ، ئىشنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى، جىددىي ياكى جىددىي ئەمەسلىرىنى ئايرىپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك». ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار»دا «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش رامكىسىدا، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىلانلاندى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە باشقا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھاتلار بىرتۇتاش پىلانلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتقا ئەھمىيەت بېرىش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىش ئۇنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى.
شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە كونكرېت، رېئال گەۋدىلەندۈرگەندىلا ئاندىن جانلىق-جۇشقۇن، تىنچ-ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملىگىلى ۋە راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ؛ قانۇنچىللىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولغا قويۇپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى ئىسلاھاتنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلىرىنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتقاندىلا قانۇنچىللىق يولىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرغىلى بولىدۇ؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىك بىر-بىرىگە ماسلىشىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش يېڭى ۋەزىيىتىگە تېز ئۇيغۇنلىشىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقاندىلا قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ قوشقىلى بولىدۇ؛ تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم، زور ۋەزىپە، پەقەت قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرغاندىلا ئاندىن ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ؛ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى تېز مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، يېڭى دەۋر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىققىلى بولىدۇ.
زامانىۋىلاشتۇرۇش تارىخىي مۇساپىسى شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك بىر گەۋدىدىكى ئىككى قانات، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قوش چاق بولۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ھەرىكەت ھالىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۆزئارا تولۇقلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنى جەزمەن چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكىلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغاندىلا دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پەقەت پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويغاندىلا ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىر مەيدان چوڭقۇر ھەم ئومۇميۈزلۈك ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش، شۇنداقلا بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىستېما قارىشىدىن ئىبارەت بۇ ئۇللۇق ئىدىيە ۋە خىزمەت ئۇسۇلىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىش قىلىشقا، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر بولغاندىلا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش چوقۇم دولقۇن يېرىپ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايدۇ.