
7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پاۋلو كاگامېغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ رىۋاندا جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: رىۋاندا جۇڭگو بىلەن ئەنئەنىۋى دوست دۆلەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىللە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ