شى جىنپىڭ 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2024.07.24 16:18 مەنبە: خەلق تورى

7 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كۈندىن - كۈنگە پىشىپ يېتىلدى، مۇقىم بولدى، مۇستەھكەم بولدى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىللە، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئېلاستىكلىقىنى قوغداپ، يەرشارىۋى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

شۇ كۈنى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ 6 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا ئىشلىرى مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ