گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىش كېرەك. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى قارارى»دا، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتى، ئىستراتېگىيەلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك مۇھىم، زور ئىسلاھات، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولى، ئىسلاھاتنىڭ يېتەكچىلىك رولى گەۋدىلەندۈرۈلدى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يەنىلا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى − يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىياتتا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئۈستۈنلۈكنى يارىتىپ، < ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك >تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىپ، بازار ئىگىلىكى ئاساسىي تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت». ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار»دا، 2035-يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانى چىڭ كۆزلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق مۇھىم، زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان تۈزۈلمە ـ مېخانىزم بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش «قارار»نىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى قىلىندى.
جەزمەن شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغاندىلا ئاندىن پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ؛ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، پەقەت يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىسلاھاتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش-چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا ئاندىن تەرەققىياتتا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ياراتقىلى بولىدۇ؛
ئىلمىي بولغان ماكرولۇق تەڭشەش، ئۈنۈملۈك بولغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى، پەقەت ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتقاندىلا ئاندىن ماكرولۇق سىياسەت يۈزلىنىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ؛ شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شەھەر-يېزىلارنى پىلانلاش، قۇرۇش، ئىدارە قىلىشنىڭ يۇغۇرۇلۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئامىللىرىنىڭ باراۋەر ئالماشتۇرۇشى، قوش يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا ئاندىن شەھەر-يېزىلارنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؛ ئېچىۋېتىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن بەلگىسى، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلغاندىلا ئاندىن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكىلى بولىدۇ.
مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۇنجى قېتىم مەخسۇس باب سۈپىتىدە بايان قىلىنىپ ھەم بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، 2035-يىلىغا بارغاندا مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «قارار»دا مائارىپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىلدى. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، پەن-تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، دۆلەتنى پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، دۆلەتنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مائارىپ، پەن-تېخنىكىلىق ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە-مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسىنى يېڭىچە تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەندىلا ئاندىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ھەسسىلەپ ئېشىش ئېففېكتىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تىرەك بولغىلى، يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەمەلىيىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى چىڭ تۇتقاندىلا باشقا ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى قۇدرەتلىك تۈرتكە بىلەن تەمىنلەپ، باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ مۇناسىپ ئالغا سىلجىتىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ. پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىس، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چوقۇم يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن سىجىل كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.