7-ئاينىڭ 20-كۈنى توققۇزتارا ناھىيەسىدە تارتىلغان «تيانشان دورا جىلغىسى» جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى تېرىقچىلىقى يادرولۇق رايونى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇزتارا ناھىيەسى سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقىغا تايىنىپ، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ تېرىش، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئۆزگىچە كەسپى، خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، توققۇزتارا ناھىيەسى 305 مو «تيانشان دورا جىلغىسى» يادرولۇق سىناق ئۈلگە كۆرسىتىش تېرىقچىلىق رايونىغا تايىنىپ، تيانشان يىبېي، كەتىرا، شاقاقۇل قاتارلىق ئۆزگىچە تېرىقچىلىق كەسىپ بەلبېغىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىدىن ئالتە چوڭ تۈردىكى 150 خىلدىن ئارتۇق سورتنى ئۆستۈرۈپ، ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ بېيىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان.
مەنبە: خەلق تورى