نەچچە ئون مىڭ يىل ئىلگىرى، بۇ خىل نەسلى قۇرۇپ كەتكەن قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى زامان كىشىلىرى بىلەن گېن ئالاقىسى بولغان
قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ گېنىنى تەتقىق قىلىش ساھەسىدە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. دۆلىتىمىز ئالىملىرى گېن گۇرۇپپىسى تەتقىقاتى ئارقىلىق بىر خىل نەسلى قۇرۇپ كەتكەن قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ نەچچە ئون مىڭ يىل ئىلگىرى دەسلەپكى ھازىرقى زامان كىشىلىرى بىلەن گېن ئالماشتۇرغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرى يېقىندا خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنال «ئىلىم-پەن»دە ئېلان قىلىندى.
ماقالىنىڭ بىرىنچى ئاپتورى، غەربىي جەنۇب داشۆسى تېببى شۆيۈەنى ئېرسىيەت ۋە يېتىلىش بىيولوگىيەسى شىسىنىڭ پىروفېسسورى لى لىمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نېئاندېرتال ئادەملىرى ئاساسلىقى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ غەربىي قىسمىغا تارقالغان قەدىمكى ئىنسانلار بولۇپ، تەخمىنەن 30 مىڭ يىل ئىلگىرى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ نەسلى قانداق قۇرۇپ كەتكەن؟ يەنە ھازىرقى زامان ئىنسانلىرى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ 19-ئەسىردە نېئاندېرتال ئادەملىرىنىڭ تۇنجى سۆڭىكى بايقالغاندىن بۇيان، بۇ مەسىلىلەر ئىزچىل ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلگەن.
لى لىمىڭ ئامېرىكا پىرىنسېتون داشۆسىنىڭ پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 2000 نەپەر ھازىرقى زامان ئادىمى، ئۈچ نەپەر نېئاندېرتال ئادىمى ۋە بىر نەپەر داننېسوۋا ئادىمى (ئاسىيادا ياشايدىغان نېئاندېرتال ئادىمىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئادەملەر توپىنىڭ ئەزاسى)نىڭ گېن گۇرۇپپىسىنى قوللىنىپ، ئۆتكەن 200 مىڭ يىل ئىچىدە ئوخشاشمىغان تىپتىكى ئىنسانلار توپى ئارىسىدىكى گېن سىخېمىسىنى سىزىپ چىقتى. بۇ تەتقىقات ھازىرقى زامان كىشىلىرى بىلەن نېئاندېرتال ئادەملىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ گېن يۆتكىلىش ئەندىزىسىنى تەقلىد قىلىش ئارقىلىق، نېئاندېرتال ئادەملىرى گېن گۇرۇپپىسىدىكى ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ DNAسىنى پەرقلەندۈرۈپ چىققان. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نېئاندېرتال ئادەملىرى تۈر توپىنىڭ سانى ۋاقىتقا ئەگىشىپ تەدرىجىي ئازايغان ھەمدە تەخمىنەن 50~60 مىڭ يىل ئىلگىرىلا تۈر توپى سانىدا ئۈستۈنلۈك ئىگىلىگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى ھازىرقى زامان ئىنسانلىرى بىلەن گېن ئالماشتۇرۇپ، تەدرىجىي ھالدا ھازىرقى زامان ئىنسانلىرىنىڭ گېن ئامبىرىغا سىڭىپ كىرگەن.
«ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىنىڭ ئارگىنالىنى قاراپ چىققۇچى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: بۇ تەتقىقات «نېئاندېرتال ئادەملىرىنىڭ ھازىرقى زامان ئىنسانلىرى تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشى»نى ئىرسىيەتشۇناسلىق ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، دەسلەپكى مەزگىلدىكى ھازىرقى زامان ئادەملىرى بىلەن نېئاندېرتال ئادەملىرى توپى ئارىسىدىكى گېن ئالماشتۇرۇش تارىخىنى ئېچىپ بېرىپ، قەدىمكى ئىنسانلارنىڭ ئۆزگىرىش ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات يولىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ياردەم بەرگەن.
مەنبە: خەلق تورى