خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك (يېڭى ئىدىيە يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يېتەكلەيدۇ)

___ مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىن يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە نەزەر

2024.07.22 09:59 مەنبە: خەلق تورى

مەدەنىيەت كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان مەنىۋى رىشتە، شۇنداقلا خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىگەن: «يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇش كېرەك»، «يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەتكە ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك».

بۈگۈنكى جۇڭگودا، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئومۇمىي خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزدى. جايلاردىكى مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى، مەدەنىيەت خارابىلىرى قاتارلىقلاردا كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەي، «مەدەنىيەت ساياھىتى» كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى؛ ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرى كىشىلەرگە رەڭگارەڭ مەدەنىيەت زىياپىتى بەردى... تېخىمۇ مول مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى، يۇقىرى سۈپەتلىك مەدەنىيەت تەمىناتى كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەتكە ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى تېز شەكىللەندى

2012-يىلى، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى تۇنجى يېزا مەدەنىيەت زالى خاڭجوۋ شەھىرى لىنئەن رايونى شاڭتيەن كەنتىدە قۇرۇلدى. 2013-يىلى، جېجياڭ ئۆلكىسى يېزا مەدەنىيەت زالى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. 2023-يىلى، 20 مىڭغا يېقىن يېزا مەدەنىيەت زالى جېجياڭ تۇپرىقىدا كەڭ تارقالدى.

بىر ئۆلكىنىڭ مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى شۇ ئۆلكىنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى دەرىجىسىنىڭ ناماياندىسى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچەملىشىشى، تەكشىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىش، مۇھىم نۇقتىنى تۆۋەنگە يۆتكەش، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە قوللىنىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىكى يېڭى ئارزۇسىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى ھەرۋاقىت ئېسىدىن چىقارمىدى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان، قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىدىغان، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى تېز شەكىللىنىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەتنى رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسى چوڭقۇر يولغا قويۇلدى. بارلىق ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت پونكىتى ۋە %90 تىن ئارتۇق مۇزېي ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى؛ دېھقانلار كۇتۇپخانىسى، مەھەللە كۇتۇپخانىسى، مەدەنىيەت پونكىتى قاتارلىقلار مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ى تۇتاشتۇرۇلدى؛ دۆلەت ئاممىۋى مەدەنىيەت بۇلۇت سۇپىسى، رەقەملىك كۇتۇپخانا، «بۇلۇت مۇزېي» قاتارلىقلار شەھەر-يېزىلاردىكى ئاممىنى مەدەنىيەت گۈزەللىكىدىن بەھرىمەن قىلدى... كەڭ ئامما تېخىمۇ مول، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولدى.

«تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇش مېخانىزمى»، «زاكازلىق مۇلازىمەت» جايلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆزلەر بولۇپ قالدى.

بىر كارتا قانچىلىك بېلەت كىرىمى يارىتىشقا تۈرتكە بولالايدۇ؟

تيەنجىندىكى «ۋېنخۈي كارتىسى» بۇنىڭغا جاۋاب بەردى: توققۇز يىلدا، 465 مىليون يۈەن كىرىم يارىتىلدى.

«كارتا بېجىرىشكە 100 يۈەن كەتسە، ھۆكۈمەت 400 يۈەن تولۇقلىما بەردى. بۇ كارتا بولغاچ ئويۇن كۆرۈشنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم» دېدى تيەنجىندىكى «ۋېنخۇي كارتىسى»نى تۇنجى بولۇپ بېجىرگۈچى شېڭ رۈنزې. 2015-يىلى، تيەنجىن تۇنجى قېتىم «ۋېنخۇي كارتىسى»نى تارقاتتى، تېخىمۇ ئېتىبار باھالىق بېلەت باھاسى تاماشىبىنلارنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«ئىشىك ئالدىدىكى مەدەنىيەت تۇرمۇشى كۈنلىرىمىزنى بارغانسېرى بېيىتتى» دېگەن بۇ سۆز ئاممىنىڭ ئەڭ كۆپ ئىنكاسى.

بىر يۈەنگە قانداق مەدەنىيەت ھېسسىياتىغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ؟

شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرىدە بىر يۈەنگە بىر مەيدان چىنچياڭ تىياتىرىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. 2007-يىلىدىن بۇيان، ۋېينەن شەھىرى «ھۆكۈمەت يۆلەش، كارخانىلار بىلەن ئالاقە باغلاش، تىياتىر ئۆمىكى مۇلازىمەت قىلىش، پۇقرالار مەنپەئەتلىنىش»تەك يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى بىلەن، «بىر يۈەنلىك تىياتىرخانا» مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇردى. تىياتىر ئۆمىكى بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى تەڭ ئېشىپ، نوپۇزلۇق تىياتىر مەستانىلىرى «ناھايىتى ياخشى بولدى» دېيىشتى.

بىر «بۇلۇت» قانداق مەدەنىيەت بايلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ؟

دۆلەت كۇتۈپخانىسى ئالاقىدار ئاپپاراتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ «يۇڭلې چوڭ قامۇسى»نىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سۈرەت سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، «دۆلەتنىڭ قىممەتلىك قەدىمىي كىتابلار تىزىملىكى» بىلىم ئامبىرىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى؛ گۇگۇڭ مۇزېيى گۇگۇڭ سارىيى «رەقەملىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئامبىرى» تەسىس قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 100 مىڭدىن ئاشتى... تور ۋە تور سىرتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، تور بىلەن نەق مەيداننى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت رەقەملەشتۈرۈش ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىناتىغا كۈچ قوشتى.

نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە تەقدىم قىلىشتا چىڭ تۇرۇلدى

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ غەربىدىكى ئالاشا ئايمىقى. قۇملۇقنىڭ كەچكى شەپەق نۇرىدا چارۋىچىلار چۆرىدەپ ئولتۇردى، ئارتىسلار لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى، ئات باشلىق غېجەك ئاۋازى ياڭرىدى... بىر پېشقەدەم چارۋىچىنىڭ ئۇلارنى كۆرگەندە قىلغان «خۇددى قۇرغاق ئوتلاقتا يامغۇر ياغقاندەك سىلەر كەلدىڭلار» دېگەن بۇ تۇنجى سۆزى ئالاشا ئايمىقى ئۇلانمۇچىر ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بۇردنىڭ ئېسىدە چىڭ ساقلانغانىدى.

مەدەنىيەت خۇددى سۇغا ئوخشايدۇ، ئۈن-تىنسىز سىڭىپ كېتىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ «نادىر ئەسەرلەرنى خەلققە تەقدىم قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك»، «خەلقنىڭ رازى بولۇش-بولماسلىقىنى سەنئەتنى تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچىمى قىلىش كېرەك»، «ئاكتىپ ئەدەبىيات-سەنئەت ئارقىلىق خەلقنى مەدھىيەلەش كېرەك» دېگەنىدى.

يېڭى دەۋردە 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى قاينام-تاشقىنلىق تىياتىرلارنى ئويناپ، خىلمۇ خىل تۇرمۇش مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى.

خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ مەنبەسى تۇتاشتۇرۇلدى.

«ئۇلۇغ مۇساپە» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى دەۋر ساداسىنى ياڭراتتى، «تاغ-دېڭىزغا مۇھەببەت» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، «چاڭجىنخۇ كۆلى» ناملىق كىنو دۆلىتىمىزنىڭ كىنو بېلەت كىرىمى رېكورتىنى يېڭىلىدى، «مەڭگۈ ئۈزۈلمەس ئېلېكتىر دولقۇنى» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇردى... ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى تىرىشىپ يۇقىرىغا ئۆرلەپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا يېقىن، كەڭ تارقىلىدىغان، ساقلىنىپ قالىدىغان زور بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى ياراتتى.

تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆككەچكە، ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىرى خەلق ئۈچۈن پورەكلەپ ئېچىلدى.

خەينەن ئۆلكىسى دىڭئەن ناھىيەسى چيۇڭجۈ تىياتىر ئۆمىكى ھەر يىلى 100 مەيداندىن ئارتۇق ئويۇن قويىدۇ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش جەريانىدا، چيۇڭجۈ تىياتىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت 400 يىللىق تارىخقا ئىگە سەنئەتنى قوغدايدۇ. 6-، 7-ئايلاردا ئويۇن قويغاندا، ئارتىسلار دائىم ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىپ ھوشىدىن كېتەتتى، ئارتىسلار پۈتۈن ئويۇنغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئارقا سەھنىدە قىسقا ۋاقىت ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن، چىشىنى چىشلەپ ئويۇننى تۈگىتەتتى. ئۇلار ياش تاماشىبىنلارنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىدىن خۇشال ئىدى.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، نادىر مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنىڭ دەرىجىسى، بازىرى بار. ھازىر دۆلىتىمىز كىتاب، تېلېۋىزىيە تىياتىرى، كارتون قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىشلەپچىقىرىش چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندى، رەقەملىك مەدەنىيەت كەسپى ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغايدىغان «يېڭى ماتور»غا ئايلاندى، كىنو بازىرىنىڭ كۆلىمىدە يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى.

تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتى مەدەنىيەت ئىجادچانلىقىنى قوزغىدى.

«مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان تۇنجى مەخسۇس گۇرۇپپا ئىسلاھات لايىھەسى بولۇپ، مەدەنىيەت ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پىلان تۈزۈلدى؛ «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» تۇنجى قېتىم مەركەزنىڭ ھۆججىتى شەكلىدە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزلىشىشى، ئىجادىي راۋاجلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»، «دۆلەت ئىلكىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئۆمەكلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىختىساسلىقلار ۋە نادىر ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى.

«مەيلى نېمىنى ئۆزگەرتىش، قانداق ئۆزگەرتىشتىن قەتئىينەزەر يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىشكە، بازىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ».

ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئىلغار تەرەپلىرىگە، ئىنسانىيەت مەنىۋى دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا قاراپ ئىزدىنىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مەڭگۈ چېكى يوق.

پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى تولۇق قوزغىتىلدى

«جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىياتى يولىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزلىشىشى، ئىجادىي راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش كېرەك».

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئۆزلىشىشى، ئىجادىي تەرەققىي قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ئادىمىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئادىمىيەت بىلەن ئىقتىسادنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكىلىكى داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز قەدەم قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

ئامما باش رولچى قىلىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

«ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بىلەن خەلقنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك».

بىپايان تاغلىق يېزا ھاياتىي كۈچكە تولدى. «تۆت پەسىل كەنت كېچىلىكى»، مەيدان ئۇسسۇلى كۆرىكى، «كۆپچىلىك ناخشا ئېيتىش» قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قىزىپ كەتتى، ئاممىۋى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمىكى قۇرۇلۇشى سىجىل كۈچەيتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ «كىچىك ھەم گۈزەل» ئويۇن قويۇش بوشلۇقى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تاللىشى بىلەن تەمىنلىدى.

مەدەنىيەتنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى جانلاندۇرۇش گۈزەل مەنزىرە بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى

«تەبىئىي مەنزىرە ۋە ئادىمىيەت ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساياھەتچىلىكنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك سېھرىي كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك».

2018-يىلى يېڭىدىن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىكى قۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش بىر تۇتاش پىلانلاندى. مەدەنىيەت مەزمۇنىغا باي ساياھەت يېڭى كەسپى تېز تەرەققىي قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساياھەت ئويۇنى كۈندىن-كۈنگە جايلارنىڭ «يېڭى ئىسىم كارتىسى» غا ئايلاندى، ساياھەت كىشىلەرنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىش جەريانىغا ئايلاندى.

توغرا يولدا مېڭىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرى داۋاملاشتۇرۇلدى

«دۇرۇس بولغاندىلا ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويمايمىز، نىشاندىن ئادىشىپ قالمايمىز، يېڭىلىق ياراتقاندىلا دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلالايمىز».

«رەقەملىك دۇنخۇاڭ كۆرگەزمە سارىيى» غا كىرىپ، مەۋھۇم رېئاللىق ئۈسكۈنىلىرىنى تاقاپ، 1400 نەچچە يىل ئىلگىرىكى تام رەسىملىرى دۇنياسىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆرگىلى بولىدۇ. رەقەم تېخنىكىسىنىڭ تۈرتكىسىدە دۇنخۇاڭدا ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ھېكايىلەر، كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان تەپسىلاتلار بارلىققا كەلدى.

تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق تارىخ مەنبەسىدىن مەدەنىيەت ئەسلىيىتىگە ئىنتىلىپ، دەۋر روھى ئىچىدە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتتى.

ئومۇميۈزلۈك قوغداپ، جانلىق ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھازىرقى تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈلدى؛ بەش چوڭ دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇپ، «شەيئىلەرنى، ئادەمنى كۆرۈش» جەريانىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتى چۈشەنچى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى؛ يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۇسۇل، يېڭى ئىدىيە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت بىلدۈرىدىغان ۋە ئۇنى قىزغىن سۆيىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات بارغانسېرى قويۇقلاشتى.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىياپىتى بىلەن يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىمىزگە ئالساقلا، ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى داۋامىدا مەدەنىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ