جۇڭگو ساقچى ئەترىتى كىرودىيەگە بېرىپ ساقچى ئىشلىرى بىرلەشمە چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ

2024.07.15 14:16 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ يېقىندا گۇڭئەن مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، كىرودىيە دۆلەت ساقچى باش ئىدارىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى باش بولۇپ تەشكىللەپ قۇرغان 2024-يىللىق جۇڭگو-كىرودىيە ساقچى ئىشلىرى بىرلەشمە چارلاش جۇڭگو ساقچى ئەترىتى جۇڭگو گۇڭئەن ئورگىنىغا ۋاكالىتەن كىرودىيەگە بېرىپ بىرلەشمە چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. بىرلەشمە چارلاش ساقچى ئەترىتىدىكى سەككىز كىشى 7-ئاينىڭ 15-كۈنى كىرودىيەگە بارىدىغان بولۇپ، ھازىر سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەر تاماملانغان.

بىرلەشمە چارلاش مەزگىلىدە، جۇڭگو-كىرودىيە ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە چارلاش ئەزالىرى ئارىلاشما ئەترەت تەشكىللەپ، زاگلېب، دۇبروۋنىك، زادار، پۇلىتۋىتسې كۆلى دۆلەت باغچىسى قاتارلىق جايلاردا بىر ئايلىق بىرلەشمە چارلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. جۇڭگو ساقچى ئەترىتى كىرودىيە تەرەپنىڭ كىرودىيەدە تۇرۇپ قالغان جۇڭگو پۇقرالىرى، خۇاچياۋ، خۇارېنلارنىڭ ئالاقىدار بىخەتەرلىك تەلىپىنى ھەل قىلىشىغا ھەمكارلىشىپ، بىخەتەر ساياھەت مۇھىتىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.

گۇڭئەن مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەمكارلىق ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-كىرودىيە ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى 2017-يىلى بىرلەشمە چارلاش ئەسلەتمىسى ئىمزالىغاندىن بۇيان، تۆت قېتىم بىرلەشمە چارلاشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قانات يايدۇرۇپ، ھەر ساھەنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ