يۈننەن 7-ئايدىن باشلاپ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك يېتەكچى ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى

2024.07.15 14:10 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 14-كۈنى يۈننەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى كۈنمىڭدا ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل يۈننەن ئۆلكىسى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كاپالىتى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، 7-ئايدىن باشلاپ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشنىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك يېتەكچى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرلەردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ھەربىر كىشىنىڭ ئېيىغا 735 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، بۇلتۇرقىدىن %1 ئاشۇرۇلىدىكەن؛ يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنىڭ ھەريىلى 6400 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، بۇلتۇرقىدىن %6 ئاشۇرۇلىدىكەن؛ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلۈپ ھەربىر كىشىگە ئايدا 956 يۈەن بېرىلىپ، بۇلتۇرقىدىن %9 ئاشۇرۇلىدىكەن.

يۈننەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ما بىن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2024-يىلى مەركەز ۋە يۈننەن ئۆلكە دەرىجىلىك جەمئىي ئورۇنلاشتۇرغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش مەبلىغى 13 مىليارد 105 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇ يىل 5-ئايدا تولۇق راسچوت قىلىنىپ چۈشۈرۈلدى؛ 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، ئۆلكە بويىچە جەمئىي چىقىم قىلىنغان قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش مەبلىغى 6 مىليارد 758 مىليون يۈەن بولغان.

ئىگىلىنىشىچە، يۈننەن ئۆلكىسى «يۈننەن ئۆلكىسى تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەرنى ھەرىكەتچان كۆزىتىپ ئۆلچەش ئۇچۇر سۇپىسى»نىڭ ئىقتىدارىنى سىجىل كېڭەيتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپ-خەتىرى ساقلانغان تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىلەردىنئالدىن سىگنال بېرىپ بىرنى قالدۇرماي تەكشۈرۈپ، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە 3 مىليون 542 مىڭ 200 تۆۋەن كىرىملىك ئاھالىنى يىغقان ۋە كۆزىتىپ ئۆلچىگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ