ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى ئىشلىرىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى

___ سەددىچىننىڭ شىمالىدىكى يايلاقتا پۈتۈلگەن يېڭى كۈي (مۇستەھكەم ئورتاق گەۋدە، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك جۇڭخۇا)

2024.07.15 13:29 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرلىرىمىز فېڭ چۈنمېي، دىڭ جىجۈن، ياڭ خاۋ

تومۇز مەزگىلىدە ھاۋا ئوچۇق ئىدى. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ باۋتوۋ شەھىرى چىڭشەن رايونىدىكى ئىتتىپاق مەيدانىدا، ھەر خىل شەكىلدىكى ئۈچ قىزىل ئانار ھەيكىلى كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلاتتى، ئوتتۇرىسىغا «ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن خەتلەر ئويۇلغانىدى. مەيدانغا تەسىس قىلىنغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» كارىدورى، 24 مەۋسۇم كارىدورى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئامىللىرى مۇجەسسەملەنگەن ھەيكەل ئاممىنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

مۇھىتى گۈزەل، مەنزىرىسى ئۆزگىچە ئىتتىپاق مەيدانى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرىدىغان مۇھىم سورۇنىغا ئايلاندى. 67 ياشلىق موڭغۇل نارىن ئىتتىپاق مەيدانىنىڭ ئەتراپىدا تۇراتتى، ئۇ ھەر كۈنى كەچتە بۇ يەرگە كېلىپ ئۇسسۇل ئويناپ چېنىقاتتى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۇ نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتى.

__ بىز بىللە ئۇسسۇل ئويناپ بەدەن چېنىقتۇرۇپ، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردۇق،__دېدى نارېن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلەپ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەمىز مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى» دېگەن ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلىرى ئۇرۇق-تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى. سەددىچىننىڭ شىمالىدىكى يايلاقتا بىر نىيەتتە ئارزۇنى روياپقا چىقىرىشنىڭ ئۇلۇغ مېلودىيەسى ياڭرىدى؛ مۇنبەت قىزىل تۇپراق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ گۈزەل گۈللىرىنى ئېچىلدۇردى.

قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مىللەشتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشقا يېتەكچىلىك قىلىش

كۆكخوت شەھەرلىك تۇمۇت مەكتىپىدە، «زامان-ماكان ساياھىتىنى باشلاش − مەن داڭلىق كىچىك ساياھەت يېتەكچىسى» باش تېمىسىدىكى ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى تولۇقسىز 1-يىللىق 6-سىنىپتا باشلاندى، ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە قىزىل يەر بەلگىلىرىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق قاينام-تاشقىنلىققا تولغان تارىخنى ئەسلىدى.

تەخمىنەن 300 يىللىق تارىخنىڭ تاۋلىشىنى باشتىن كەچۈرگەن تۇمۇت مەرىپەت ئىبادەتخانىسىنىڭ ئاساسىي سارىيى بولغان داچېڭ سارىيى مەكتەپ قورۇسىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، داچېڭ سارىيىنىڭ كەينىدىكى مەكتەپ تارىخ كۆرگەزمىخانىسىدا ئۇلەنفۇ، كۈيبى، جىياتەي قاتارلىق نۇرغۇن كۆزگە كۆرۈنگەن مەكتەپداشلارنىڭ سۈرىتى كۆرگەزمە قىلىنغان ئىدى.

تۇمۇت مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈن يۈشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىز تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىنى دەرسلىك بايلىقىغا ئايلاندۇرۇپ، «جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسى»، «ئېكراندىكى ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى» قاتارلىق دەرسلىكلەرنى تەسىس قىلىپ، مەكتەپ تارىخى ۋە مەكتەپنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قاتارلىق بايلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، قىزىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسى پائالىيىتىنى ئالغا سىلجىتتى.

يۈن يۈشېڭ مۇنداق دېدى: «بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى بالىلارنىڭ قەلبىگە كىچىكىدىن باشلاپلا سىڭدۈردۇق».

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك مىللىي ئاپتونوم رايون بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە، ئۇزاقتىن بۇيان «نەمۇنىلىك ئاپتونوم رايون» دېگەن ئالىي شەرەپكە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىدىيەۋى-سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

چىفېڭ شەھىرىنىڭ سۇڭشەن رايونى شىڭئەن كوچىسى لىنخۇاڭ جيايۈەن مەھەللىسىنىڭ خەتتاتلىق مەشىق ئۆيىدە، ئاھالىلەر خەتتاتلىق مەشىقى قىلىۋاتاتتى. ئۇلانمۇچىر رېپېتىتسىيە زالىدا ھەر مىللەت ئاھالە «ئانارغا مۇھەببەت» ناملىق ئۇسسۇلنى رېپېتىتسىيە قىلىۋاتاتتى. ھەربىر ھەرىكەت مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى سۈرەتلەپ بىرەتتى.

لىنخۇاڭ جيايۈەن مەھەللىسى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللە بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى %29 نى ئىگىلەيتتى، مەھەللە پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ شياۋخۇا مۇنداق دېدى: مەھەللە ئاھالىلەرنىڭ ئويلىغىنى، ئۈمىدى، تەقەززاسىنى ئويلاپ، «ئائىلە» ئىدىيەسى ئارقىلىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلىسى» ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، مەھەللەدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

لىنخۇاڭ جيايۈەن مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى-ئامما مۇلازىمەت مەركىزى زالىغا كىرگەندە، مىللەتلەر سىياسىتىدىن مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، زالغا يەنە مىللەت، دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش سىنىپى، پارتىيە ياچېيكىسى پائالىيەت ئۆيى، ئاھالىلەر پائالىيەت ئۆيى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قانۇندىن ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق ئالاھىدە مۇلازىمەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى ئۈنۈملۈك يول بىلەن تەمىنلىنىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئورتاق ئىلگىرىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.

پارتىيە قۇرۇلۇشى كەسىپ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. چىفېڭ شەھىرىنىڭ سۇڭشەن رايونى دامياۋ بازىرى شياۋمياۋزى كەنتى ئىلگىرى «ئاجىز، چېچىلاڭغۇ كەنت»ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغان كەنت»كە ئايلاندى. شياۋمياۋزى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ خۇيجيې ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «كەنتىمىزنىڭ بۈگۈنىنىڭ بولۇشى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مول نەتىجىسى».

ئون نەچچە يىل ئىلگىرى، شياۋمياۋزى كەنتىدە يېتەكچى كەسىپ، قاتتىقلاشتۇرۇلغان يول، تۇرۇبا سۈيى قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسسى يوق ئىدى. جاۋ خۇيجيې كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپى قۇرۇپ، «پارتىيە تەشكىلاتى+ھەمكارلىق كوپىراتىپى+پارتىيە ئەزاسى+دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كەسىپ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، يۇرتداشلارنىڭ كەسىپ ئارقىلىق بېيىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش ئارقىلىق خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىشى بېشى يىللىق كىرىمىنى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى.

مەدەنىيەتنى يۇغۇرۇۇپ ئوزۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى بەرپا قىلىندى

ئارشەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تەربىيەسى يولىغا كىرىپ كەلگەندە، بۇ يەردىكى سالقىنلىق كىشىگە ئىنتايىن راھەت بېغىشلايتتى. پەلەمپەيدىن يۇقىرىغا چىقىپ، تۇيۇقسىز ياندىكى مىللىي خاسلىقى روشەن بولغان شەخسلەرگە تىكلەنگەن تاختا ۋە ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشلار دىققىتىمنى تارتتى.

ئارشەن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بەي فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تەربىيەسى يولى ئەسلىدىكى ئارشەن ئوكسىگېنلىق ئورمان يۇيۇنۇش يولى ئاساسىدا، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇش شەكلى ئارقىلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسى ۋە ئوبرازىنى گىرەلەشمە شەكىلدە ساياھەت مەنزىرىسىگە سىڭدۈردۇق. ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك ھېس قىلىشىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدە ئۈن-تىنسىز چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇسى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئىچكى موڭغۇل نۇرغۇن جايدا تېخىمۇ كۆپ مەدەنىيەت بەلگىسى ۋە كۆرۈش سېزىمى ئوبرازىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھېس قىلغىلى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

ئامما ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى

مائەنشەن تېغى ئېتىكىدىكى جاڭ گولىنىڭ ئۆيى ئازادە، يورۇق ئىدى، ھويلىسىنىڭ ئالدىدىكى بايراق خادىسى ئېگىز تىكلەنگەن بولۇپ، دۆلەت بايرىقى شامالدا لەپىلدەپ تۇراتتى.

«ئائىلىمىزدىكى 11 جان خەنزۇ، موڭغۇل، مانجۇ مىللىتىدىن تەركىب تاپقان» دېدى جاڭ گولى. ئۇنىڭ ھويلىسى چىفېڭ شەھىرى قاراچىن خوشۇنى مائەنشەن كەنتىگە جايلاشقان بولۇپ، تۆت ئەۋلاد كىشى بىر ئۆيدە تۇراتتى.

جاڭ گولىنىڭكىدەك كۆپ مىللەتلىك ئائىلىلەر مائەنشەن كەنتىدە خېلى كۆپ. بۇ كەنتتە 420 ئائىلىلىك بار، خەنزۇ، موڭغۇل، مانجۇ ئۈچ مىللەت بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مائەنشەن كەنتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى چۆرىدەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى پۇرسەت بىلىپ، تاغ ئۈزۈمچىلىك كەسپىدىن 3500 مو، دېھقانلار ئارامگاھىدىن 16نى تەرەققىي قىلدۇردى، ساياھەت شىركىتى قۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ساياھەت كەسپىگە تۈرتكە بولدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىم 15 مىڭ 900 يۈەنگە يەتتى.

كۆپ مىللەتلىك مەھەللە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيدىغان مۇنبەت تۇپراق. گىرەلەشمە شەكلىدىكى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى ھەر مىللەت ئامما بىللە ئولتۇراقلىشىدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان جەمئىيەت شارائىتىنى يارىتىپ، مەھەللەدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈردى.

خەلق ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان خاس كەسىپلەر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق بېيىش يولىنى ئاچتى

شوخلىنى سوۋغاتلىق قىلىش، تاشنى رەسىم تاختىسى قىلىش، گۈل چىقىرىلغان موما سېلىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ھۈنەر قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى...بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە بىر قېتىم شوخلا گۇڭشېسىغا بېرىش شىڭئەن ئايمىقىدىكى نۇرغۇن ئاھالىنىڭ تاللىشى بولۇپ قالدى.

2022 ـ يىلى، شوخلا گۇڭشېسى تۈرى كېيوۋچيەن خوشۇنى خورچىن بازىرىنىڭ پىڭئەن كەنتىدە ئەمەلىيلەشتى. «بىز دەسلەپكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن تەدرىجىي ھالدا مېۋە ئۈزۈش، يېمەك-ئىچمەك كەسپىگە تەرەققىي قىلدۇق، ئاندىن ياتاق، كۆپ مەنبەلىك تەربىيەلەشكىچە، ئائىلىۋى مېھمانخانا، تەتقىقات-ئۆگىنىش، تەربىيەلەش بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما يېڭى ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى شوخلا گۇڭشېسىنىڭ مەسئۇلى، خورچىن بازارلىق يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مەركىزىنىڭ مۇدىرى چى شياۋجىڭ، ئۇ يەنە مۇنداق تونۇشتۇردى: شوخلا گۇڭشېسى يەنە جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمى كىچىك دەرسخانىسى تەسىس قىلدى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «تېرىقچىلىق مەدەنىيىتى+دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ھېس قىلىش» ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئەمگەك ئەمەلىيىتى، مەكتەپ سىرتىدا تېرىقچىلىق قىلىشنى ھېس قىلىش پائالىيىتىگە سىڭدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ