لى چياڭ ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى سالۋاي بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024.07.15 13:35 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 12-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى سالۋاي بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 12-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى سالۋاي بىلەن سۆھبەتلەشتى.

لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ۋانۇئاتۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 42 يىلدىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ كەلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى موللاشتى. رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو ۋانۇئاتۇ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە داۋاملىق ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالىدىغان ھەمكارلىق رىشتىسىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو-ۋانۇئاتۇ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ۋانۇئاتۇ بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلاش ئۈستۈنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، پۇل مۇئامىلە، بېلىقچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە نۇقتىلىق تۈرلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ، جۇڭگو ۋانۇئاتۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشىنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىپ، ياشلار، مائارىپ، داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، مەدەنىيەت-ساياھەت، يەرلىكلەر قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ۋانۇئاتۇ «يەر شارىنىڭ جەنۇبىي قىسمى»نىڭ ئەزاسى، كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

سالۋاي مۇنداق دېدى: ۋانۇئاتۇ بىلەن جۇڭگو ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ۋانۇئاتۇ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە بىر قاتار دۇنياۋى تەشەببۇسلارنى قوللايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، ئىقتىساد-سودا، قاتناش، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋانۇئاتۇ-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى «بىربەلباغ، بىريول»نى تەڭ قۇرۇش، دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات، مەبلەغ سېلىش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا گۇۋاھ بولدى. سۆھبەتتىن بۇرۇن، لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا سالۋاينى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ۋۇ جېڭلوڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى سالۋاي 11-ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ