ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل 5100 يۈرۈشتىن ئارتۇق سەپلەپ ئىجارىگە بېرىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇ سەپلەيدۇ

2024.07.11 16:31 مەنبە: خەلق تورى

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، «شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش بويىچە تۇنجى مەيدان يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ياقۇپ پەتۇللا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: 2024-يىلى، ئۈرۈمچى شەھىرى سەپلەپ سېتىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن 2000 يۈرۈش، سەپلەپ ئىجارىگە بېرىش تىپىدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇدىن 5100 يۈرۈشتىن ئارتۇقنى ساتىدۇ؛ «بىر ئولتۇراق رايونغا بىر لايىھە» بويىچە 120 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بەش شەھەر ئىچىدىكى كەنت (ئۆزى سېلىۋالغان ئۆي) تەۋەلىك رايونىنىڭ كونا قىياپىتىنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ مۇقىم ۋە ياخشى بولۇش خاراكتېرىدىكى تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى تۇرىدىغان ئۆيى بولۇش، ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان ئۆيىدە تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ