7-ئاينىڭ 10-كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى سايرام كۆلى داڭلىق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ساياھەت تەرەققىيات ئىدارىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ساغلام، تەرتىپلىك، بىخەتەر، مەدەنىي ساياھەت مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، مەنزىرە رايونى ئەتراپىنىڭ ساياھەت مۇھىتىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەشنى قارار قىلىپ، تۆتنى قاتتىق چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچىدىن، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ مەنزىرە رايونى ئىچى ۋە ئەتراپتىكى ئاساسلىق يول بۆلەكلىرىدە ئۆز ئالدىغا يايما نۇقتىسى قۇرۇش، مەجبۇرىي ئاپتوموبىل توسۇش، ساياھەتچىلەرنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تاۋارلارنى سېتىش ھەمدە ساختىپەزلىك قىلىش، گوللاش، قىزىقتۇرۇش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارنى سادىر قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، بازارنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالىدىغان، ساختا ئېلان، باھا ئالدامچىلىقى، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش، مەجبۇرىي ئىستېمال قىلدۇرۇش قاتارلىق ساياھەت ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق شەكىلدىكى قىلمىشلار قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ساياھەت يېتەكچىلىرى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، بولۇپمۇ كىنىشكىسىز ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ ساياھەت يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. تۆتىنچىدىن، مېھمانساراي، ئاشخانا، سودا ساراي، تاللا بازىرى قاتارلىق تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ خېرىدار چاقىرىش، قول پۇلاڭلىتىش، تاختا كۆتۈرۈش، ئاپتوموبىلنى توسۇپ مېھمانلارنى جەلپ قىلىش قاتارلىق نامۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن تىجارەت قىلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.
يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەر قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى»، «داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»، «كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىشنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش چارىسى»، «بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ سايرام كۆلىنى قوغداش نىزامى» ۋە «ساياھەت يېتەكچىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى بارلىق تىجارەت ھەرىكىتىنى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ھەم بورتالا مەدەنىيەت-ساياھەت گۇرۇھى تەستىقلاپ ئىجازەت ئالغاندىن كېيىن قانات يايدۇرۇشقا بولىدۇ. ئەگەر مەنزىرە رايونى ئىچى ۋە ئەتراپىدا يۇقىرىقى قىلمىشلارنىڭ ساقلانغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ۋاقتىدا مەنزىرە رايونىنىڭ ئەرز قىلىش تېلېفون نومۇرى0919188-400 گە تېلېفون قىلىڭ.
مەنبە: خەلق تورى